马克思列宁主义揭示了人类社会历史发展的规律,它的基本原理是正确的,具有强大的生命力
ماركسىزم-لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە تولغان
中国共产党以马克思列宁主义、毛泽东思想、邓小平理论、“三个代表”重要思想、科学发展观、习近平新时代中国特色社会主义思想作为自己的行动指南
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ كۆرسەتمىسى قىلىدۇ
党的最高理想和最终目标是实现共产主义
پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى−كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت
我们党的三大历史任务是推进现代化建设、完成祖国统一、维护世界和平与促进共同发展
پارتىيەمىزنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىسى−زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى تاماملاش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت
中国共产党自成立以来,始终把为中国人民谋幸福、为中华民族谋复兴作为自己的初心使命
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ كەلدى
习近平新时代中国特色社会主义思想科学回答了新时代坚持和发展什么样的中国特色社会主义、怎样坚持和发展中国特色社会主义这个重大时代课题
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى
习近平新时代中国特色社会主义思想坚持把马克思主义基本原理同中国具体实际相结合、同中华优秀传统文化相结合
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ
党的二十大报告指出,从现在起,中国共产党的中心任务就是团结带领全国各族人民全面建成社会主义现代化强国、实现第二个百年奋斗目标,以中国式现代化全面推进中华民族伟大复兴
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش
党章分为总纲和条文两部分。条文部分共11章55条
پارتىيە نىزامنامىسى ئومۇمىي پىروگىرامما ۋە ماددا-تارماقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ماددا-تارماق قىسمى جەمئىي 11 باب 55، تارماق
《中国共产党章程》经中国共产党第二十次全国代表大会部分修改后,2022年10月22日通过
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ماقۇللانغان