强军之道,要在得人。
ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا.
英雄的人民军队在中国特色强军之路上续写了新的时代篇章,焕发出新的时代风采。
قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، يېڭى دەۋر سالاپىتىنى ئۇرغۇتتى.
要贯彻新时代党的强军思想,贯彻新时代军事战略方针,为促进新疆社会稳定和长治久安积极贡献力量。
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇش كېرەك.
全军要抓紧抓实备战打仗工作,协助地方做好维护社会大局稳定工作,及时有效处置各种突发情况,保持国家安全稳定,完成好党和人民赋予的各项任务。
پۈتۈن ئارمىيە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.
中央和国家机关、地方各级党委和政府要强化国防意识,自觉履行法定的国防建设职责,依法保障好军队建设、军事行动和军人合法权益。
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ھەربىي ھەرىكەت ۋە ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
军委要加强组织领导,各级要认真履职尽责,法治工作机构要发挥好职能作用,领导干部要带头依法指导和开展工作。
ھەربىي كومىتېت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىشى، قانۇنچىللىق خىزمىتى ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
要深化军事立法工作,打好政策制度改革攻坚战,提高立法质量,增强立法系统性、整体性、协同性。
ھەربىي ئىشلار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
贯彻依法治军战略是系统工程,要统筹全局、突出重点,以重点突破带动整体推进。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
要贯彻依法治军战略,提高国防和军队建设法治化水平,为推进强军事业提供坚强法治保障。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
依法治军是我们党建军治军的基本方式,是实现党在新时代的强军目标的必然要求。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەكلى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
要坚持不懈抓基层打基础,严格部队教育管理,保持部队高度集中统一和安全稳定。
قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، قىسىمنىڭ تەربىيەلەش، باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.
要全面加强部队党的建设,深入贯彻落实全军党的建设会议精神,增强各级党组织创造力、凝聚力、战斗力。
قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
要提高军事斗争准备质量和水平,加强重难点课目专攻精练,加强新质战斗力建设,加强所属作战力量、作战单元、作战要素融合集成,有机融入联合作战体系。
ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، قىيىن تۈرلەر بويىچە مەخسۇس بولغان سەرخىل مەشىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارىمىقىدىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچى، ئۇرۇش قىلىش بىرلىكى، ئۇرۇش قىلىش مۇھىم ئامىلىنى يۇغۇرۇپ توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا ئورگانىك سىڭىش كېرەك.
要深入贯彻新时代强军思想,贯彻新时代军事战略方针,创新集团军建设管理和作战运用方式,全面提高部队备战打仗能力,有效履行党和人民赋予的使命任务。
يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كېرەك.
推进强军事业,需要一批又一批有志青年接续奋斗。希望你们铸牢忠诚品格,刻苦学习训练,锤炼过硬作风,努力成长为高素质专业化新型军事人才,为国防和军队现代化贡献力量。
ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تۈركۈم - تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلارنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ سادىق پەزىلەتنى مۇستەھكەملەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ۋە مەشىق قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
要深入贯彻党的二十大精神,贯彻新时代强军思想,贯彻新时代军事战略方针,加快提高部队现代化水平,坚决完成党和人民赋予的各项任务。
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.
加强跨军地治理是全面加强军事治理的应有之义,是巩固提高一体化国家战略体系和能力的内在要求。
ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى
要认清全面加强军事治理的重要意义,强化使命担当,发扬改革创新精神,加大军事治理工作力度,以军事治理新加强助推强军事业新发展。
ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى يېڭىدىن كۈچەيتىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
世界百年未有之大变局加速演进,新一轮科技革命和军事革命迅猛发展,我军建设正处在实现建军一百年奋斗目标的关键时期。
دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا.
党的十八大以来,我国边防工作体制更加健全,力量更加充实,基础更加牢固,党政军警民合力强边固防局面不断巩固。
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى تۈزۈلمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، كۈچى تېخىمۇ تولۇقلاندى، ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.