习近平强军思想
شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى

学习
手卡

要认真贯彻党的二十大精神,贯彻新时代党的强军思想,贯彻新时代军事战略方针,深化练兵备战,加快转型建设,全面提高部队现代化水平,坚决完成党和人民赋予的各项任务。

كارتىسى
ئۆگىنىش

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەي يارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

学习
手卡

要全面推进国防和军队现代化建设,把人民军队建设成为有效维护国家主权、安全、发展利益的钢铁长城。

كارتىسى
ئۆگىنىش

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان پولات سېپىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

学习
手卡

要弘扬拥政爱民、拥军优属光荣传统,巩固发展新时代军政军民团结,在全社会营造关心国防、热爱国防、建设国防、保卫国防的浓厚氛围,为巩固提高一体化国家战略体系和能力、为推进强国强军汇聚强大力量。

كارتىسى
ئۆگىنىش

ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى گۈللەندۈرىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

学习
手卡

要加强重大基础设施统筹建设,善于算大账、综合账、长远账,提高共建共用共享水平。要加快构建大国储备体系,提升国家储备维护国家安全的能力。


كارتىسى
ئۆگىنىش

مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ھېسابات، ئۇنىۋېرسال ھېسابات، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىشلىتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت زاپىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.


学习
手卡

要加快提升新兴领域战略能力,谋取国家发展和国际竞争新优势。要强化国防科技工业服务强军胜战导向,优化体系布局,创新发展模式,增强产业链供应链韧性。


كارتىسى
ئۆگىنىش

يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.


学习
手卡

要深化科技协同创新,建设好、管理好、运用好国家实验室,聚力加强自主创新、原始创新,加快推进高水平科技自立自强。


كارتىسى
ئۆگىنىش

پەن-تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.


学习
手卡

巩固提高一体化国家战略体系和能力是复杂系统工程,要统筹全局,突出重点,以重点突破带动整体推进。


كارتىسى
ئۆگىنىش

بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


学习
手卡

要坚持党中央集中统一领导,加强各领域战略布局一体融合、战略资源一体整合、战略力量一体运用,系统提升我国应对战略风险、维护战略利益、实现战略目的的整体实力。


كارتىسى
ئۆگىنىش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى قوغداش، ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى سىستېمىلىق ئاشۇرۇش كېرەك.


学习
手卡

巩固提高一体化国家战略体系和能力,关键是要在一体化上下功夫,实现国家战略能力最大化。


كارتىسى
ئۆگىنىش

بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا.


学习
手卡

要统一思想认识,强化使命担当,狠抓工作落实,努力开创一体化国家战略体系和能力建设新局面。

كارتىسى
ئۆگىنىش

ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

学习
手卡

贯彻落实好这一部署,对全面建设社会主义现代化国家、全面推进中华民族伟大复兴,对实现建军一百年奋斗目标、加快把我军建成世界一流军队,都具有十分重要的意义。

كارتىسى
ئۆگىنىش

بۇ ئورۇنلاشتۇرمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

学习
手卡

巩固提高一体化国家战略体系和能力,是党中央把握强国强军面临的新形势新任务新要求,着眼于更好统筹发展和安全、更好统筹经济建设和国防建设作出的战略部署。

كارتىسى
ئۆگىنىش

بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى.

学习
手卡

要狠抓依法治校、从严治校,严格教育管理,做好抓基层打基础工作,激发全校师生员工干事创业积极性,齐心协力开创大学建设新局面。

كارتىسى
ئۆگىنىش

مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ باشقۇرۇشىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ داشۆ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

学习
手卡

要深入贯彻新时代强军思想,全面落实新时代军事教育方针,面向战场、面向部队、面向未来,提高办学育人水平和卫勤保障能力,努力建设世界一流军医大学。

كارتىسى
ئۆگىنىش

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، قىسىمغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي تېببىي داشۆسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

学习
手卡

要贯彻新时代强军思想,贯彻新时代军事战略方针,坚持政治建军、改革强军、科技强军、人才强军、依法治军,聚焦备战打仗,按照体系融合、全域支撑的战略要求,锐意进取,扎实工作,努力建设一支强大的现代化信息支援部队。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىنى يۇغۇرۇش، پۈتۈن ساھە تىرەك بولۇش ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى بويىچە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. 

学习
手卡

要把握新兴领域交叉融合发展特征,加强集成创新和综合应用,推动形成多点突破、群体迸发的生动局面。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ گىرەلەشمە، يۇغۇرما تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، توپلانما تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

学习
手卡

要落实全面从严治党要求,加强党的创新理论武装,抓好党纪学习教育,持续深化医疗卫生行业整肃治理,确保大学高度集中统一和纯洁巩固。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن بولۇشى ۋە ساپ، مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

学习
手卡

要加强卫勤保障各项建设,有力服务部队战斗力,服务官兵身心健康。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

سەھىيە مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. 

学习
手卡

要坚持立德树人、为战育人,深化教育教学改革,培养德才兼备的新时代红色军医。要大力推进特色医学科研创新,巩固传统优势,抢占发展前沿,勇攀军事医学高峰。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يېڭى دەۋردىكى قىزىل ھەربىي دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. خاس تېببىي ئىلىم پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئالدىنقى سېپىنى ئىگىلەپ، ھەربىي ئىشلار تېببىي ئىلمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىش كېرەك. 

学习
手卡

陆军军医大学是我军医学类高等教育院校,是全军卫勤力量体系的重要组成部分。 

كارتىسى
ئۆگىنىش

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى ئارمىيەمىزنىڭ تېببىي ئىلىم تۈرىدىكى ئالىي مائارىپ مەكتىپى بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت كۈچى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.