要贯彻新时代党的强军思想,贯彻新时代军事战略方针,把握边防工作特点规律,加强部队全面建设,提高边境防卫管控能力,努力锻造卫国戍边钢铁长城,为实现建军一百年奋斗目标作出更大贡献。
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قىسىملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پولات سېپىلنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
各级特别是领导干部要大兴调查研究,认真解决部队建设中的突出矛盾和问题,积极主动为官兵排忧解难,带领广大官兵不断开创南部战区海军建设新局面。
ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىينچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.
要贯彻依法治军战略,提高国防和军队建设法治化水平,为推进强军事业提供坚强法治保障。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
依法治军是我们党建军治军的基本方式,是实现党在新时代的强军目标的必然要求。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەكلى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
要深入贯彻党的二十大精神,贯彻新时代党的强军思想,贯彻新时代军事战略方针,锚定建军一百年奋斗目标,努力开创战区建设和备战打仗工作新局面。
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
军队要积极主动同地方搞好沟通协调,中央和国家机关有关部门、地方各级党委和政府要关心支持边防部队建设,国家边海防委员会和各级边海防委员会要发挥好职能作用,齐心协力开创边防工作新局面。
ئارمىيە پائال، تەشەببۇسكار بولۇپ يەرلىك بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلىشىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، دۆلەت چېگرا-دېڭىز مۇداپىئەسى كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك چېگرا - دېڭىز مۇداپىئە كومىتېتلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
边防官兵很辛苦,各级要把官兵冷暖放在心上,主动靠上去解决实际困难,把各方面保障做到位。
چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ناھايىتى جاپا تارتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
要狠抓依法治军、从严治军,严格军规军纪,创新部队教育管理方式,抓好经常性基础性工作落实,确保部队秩序正规、安全稳定。
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي قائىدە، ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ تەربىيەلەش، باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قىسىم تەرتىپىنىڭ مۇنتىزىم، بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
要紧贴使命任务加强练兵备战,增强战斗力建设适应性和实效性。要加快信息化戍边控边能力建设步伐,转变边防执勤方式,提高边境管控效能。
بۇرچ، ۋەزىپىگە زىچ يېقىنلىشىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى تىزگىنلەشتىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
要高度重视从思想上政治上建设和掌握部队,坚持不懈用党的创新理论凝心铸魂,加强政治纪律、群众纪律、外事纪律和民族宗教政策教育,确保部队纯洁巩固和高度集中统一。
قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، ئاممىۋى ئىنتىزام، تاشقى ئىشلار ئىنتىزامى ۋە مىللەت، دىن سىياسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ پاكلىقى، مۇستەھكەملىكى ۋە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
治国必治边。边防工作是治国安邦的大事,关系国家主权和领土完整,关系改革发展稳定大局和对外工作全局,关系强国建设、民族复兴伟业。
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش كېرەك. چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى زور ئىش بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ۋە تاشقى خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
全军边防部队执行党中央和中央军委决策指示,落实改革部署,加强练兵备战,坚决捍卫边防安全和边境地区稳定,有力维护了国家主权、安全、发展利益。
پۈتۈن ئارمىيەدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرى، يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.
要加强部队教育管理,坚持不懈抓基层打基础,确保部队安全稳定。
قىسىملاردا تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
要深入抓好党的二十大精神学习贯彻,精心组织实施学习贯彻新时代中国特色社会主义思想主题教育,统筹抓好“学习强军思想、建功强军事业”教育实践活动,夯实铁心向党的思想根基,激发团结奋进的精神力量。
پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش ئىدىيەۋى ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
要加强部队党的领导和党的建设,狠抓全面从严治党、全面从严治军。
قىسىمدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
要坚持体系建设、体系运用,深入破解短板弱项,推动作战体系整体升级。
سىستېما قۇرۇلۇشىدا، سىستېمىنى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
要大力发展新型作战力量和手段,把握新质战斗力建设特点规律,推动新装备新力量加快形成实战能力。
يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە ۋاسىتىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى خۇسۇسىيەتكە ئىگە جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ ئارقىلىق ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
要加强实案化对抗性训练,突出抓好重点课题专攻精练,提高训练水平和实战能力。
ئەمەلىي ئۆرنەك بويىچە قارشىلىشىش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تېمىلاردا مەخسۇس ھۇجۇم مەشىقىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
要加强实战化军事训练,坚持以战领训,深化战争和作战问题研究,创新作战概念和战法训法。
ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئۇقۇمى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
要坚持从政治高度思考和处理军事问题,坚定灵活开展军事斗争,提高及时妥善应对复杂情况的能力,坚决捍卫我国领土主权和海洋权益,努力维护周边大局稳定。
ھەربىي ئىشلار مەسىلىسىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئويلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش، ئەتراپ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك.