要增强创新自信,坚持以我为主,从实际出发,大力推进自主创新、原始创新,打造新质生产力和新质战斗力增长极。
يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەرنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
要加强智能科技重大项目统筹实施,加大先进成果应用力度。
ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چوڭ-چوڭ تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار نەتىجىلەرنى قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.
要构建网络空间防御体系,提高维护国家网络安全能力。
تور بوشلۇقى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
要优化航天布局,推进我国航天体系建设。
ئالەم قاتنىشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
要统筹海上军事斗争准备、海洋权益维护和海洋经济发展,提升经略海洋能力。
دېڭىزدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى، دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېڭىز ـ ئوكياننى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
要突出发展重点,抓好新兴领域战略能力建设有关战略和规划落实。
تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيە ۋە يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
新兴领域战略能力是国家战略体系和能力重要组成部分,关系我国经济社会高质量发展,关系国家安全和军事斗争主动,对以中国式现代化全面推进强国建设、民族复兴伟业具有重要意义。
يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ھەربىي كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
新的一年,要深入贯彻新时代强军思想,深入贯彻新时代军事战略方针,扭住打好实现建军一百年奋斗目标攻坚战,强化使命担当,狠抓工作落实,努力开创部队建设新局面,坚决完成党和人民赋予的各项任务。
يېڭى بىر يىلدا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.