坚持惩前毖后、治病救人,执纪必严、违纪必究,抓早抓小、防微杜渐,按照错误性质和情节轻重,给以批评教育、责令检查、诫勉直至纪律处
ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى جەزمەن قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد-تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىش كېرەك
党的纪律是维护党的团结统一、完成党的任务的保证
پارتىيە ئىنتىزامى−پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى
年龄和健康状况不适宜于继续担任工作的干部,应当按照国家的规定退、离休
يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى داۋاملىق ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى كېرەك
党的各级组织要善于发现和推荐有真才实学的党外干部担任领导工作,保证他们有职有权,充分发挥他们的作用
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە سىرتىدىكى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك
反对“四风”是指反对形式主义、官僚主义、享乐主义和奢靡之风
«تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش−شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىغا قارشى تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ
党的各级领导干部要正确行使人民赋予的权力,坚持原则,依法办事,清正廉洁,勤政为民,以身作则,艰苦朴素,密切联系群众,坚持党的群众路线,自觉地接受党和群众的批评和监督
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى چوقۇم خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشى، پاك-دۇرۇس بولۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشى، ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئاددىي- ساددا ياشىشى، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك
党的各级领导干部必须坚持解放思想,实事求是,与时俱进,开拓创新,认真调查研究,能够把党的方针、政策同本地区、本部门的实际相结合,卓有成效地开展工作,讲实话,办实事,求实效
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى چوقۇم ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشى، خىزمەتلەرنى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى، راست گەپ قىلىشى، ئەمەلىي ئىشلىشى، ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك
党的各级领导干部要树立正确政绩观,做出经得起实践、人民、历史检验的实绩
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى چوقۇم توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك
党的各级领导干部必须信念坚定、为民服务、勤政务实、敢于担当、清正廉洁
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ چوقۇم ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، تىرىشچان - ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشى، پاك - دۇرۇس بولۇشى كېرەك
二十大党章要求,要努力实现干部队伍的革命化、年轻化、知识化、专业化
20-قۇرۇلتايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىدە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلىشىشى، زىيالىيلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى
党选拔干部,坚持五湖四海、任人唯贤,坚持事业为上、公道正派,反对任人唯亲展
پارتىيە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل-دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ
党按照德才兼备、以德为先的原则选拔干部
پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ
党支部是党的基础组织,担负直接教育党员、管理党员、监督党员和组织群众、宣传群众、凝聚群众、服务群众的职责
پارتىيە ياچېيكىسى − پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاممىغا خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ
各级党和国家机关中党的基层组织,协助行政负责人完成任务,改进工作,对包括行政负责人在内的每个党员进行教育、管理、监督,不领导本单位的业务工作
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ
实行党委领导下的行政领导人负责制的事业单位中党的基层组织,对重大问题进行讨论和作出决定,同时保证行政领导人充分行使自己的职权
پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ
国有企业党委(党组)加强党组织的自身建设,领导思想政治工作、精神文明建设、统一战线工作和工会、共青团、妇女组织等群团组织
دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى (پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا، بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ
街道、乡、镇党的基层委员会和村、社区党组织,统一领导本地区基层各类组织和各项工作,加强基层社会治理,支持和保证行政组织、经济组织和群众性自治组织充分行使职权
پارتىيەنىڭ كوچا، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلار، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ
党的基层委员会、总支部委员会、支部委员会的书记、副书记选举产生后,应报上级党组织批准
پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك
企业、农村、机关、学校、医院、科研院所、街道社区、社会组织、人民解放军连队和其他基层单位,凡是有正式党员三人以上的,都应当成立党的基层组织
كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورنى، كوچا - مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ليەندۈيى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلاردا، ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولسىلا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كېرەك
党的地区委员会和相当于地区委员会的组织,是党的省、自治区委员会在几个县、自治县、市范围内派出的代表机关
پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتقا تەڭ تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ بىرنەچچە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر دائىرىسىدە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنى