党的最高领导机关,是党的全国代表大会和它所产生的中央委员会
پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنىدۇر
党的各级领导机关,除它们派出的代表机关和在非党组织中的党组外,都由选举产生
پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەسىز تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىدىن باشقىلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
中国共产党是根据自己的纲领和章程,按照民主集中制组织起来的统一整体
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە تەشكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە
党员如果没有正当理由,连续六个月不参加党的组织生活,或不交纳党费,或不做党所分配的工作,就被认为是自行脱党
پارتىيە ئەزالىرى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان دەپ قارىلىدۇ
每个党员,不论职务高低,都必须编入党的一个支部、小组或其他特定组织,参加党的组织生活,接受党内外群众的监督。党员领导干部还必须参加党委、党组的民主生活会
ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يەنە پارتىيە كومىتېتى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشى شەرت
党员的党龄,从预备期满转为正式党员之日算起
پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ
预备党员的预备期,从支部大会通过他为预备党员之日算起
كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇلارنى كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ
预备党员转为正式党员,或延长预备期,或取消预备党员资格,都应当经支部大会讨论通过和上级党组织批准
كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتكۈزۈش ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك
预备党员在预备期内不履行党员义务,不具备党员条件的,应当取消预备党员资格
كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئىچىدە پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنىڭ كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك
预备党员预备期满,需要继续考察和教育的,可以延长预备期,但不能超过一年
كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، داۋاملىق كۆزىتىش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك
预备党员预备期满,党的支部应当及时讨论他能否转为正式党员
كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتۈش - ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم
预备党员的权利,除了没有表决权、选举权和被选举权以外,也同正式党员一样
كاندىدات پارتىيە ئەزالىرى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە
预备党员的义务同正式党员一样
كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ
预备党员的预备期为一年
كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ
入党誓词如下:我志愿加入中国共产党,拥护党的纲领,遵守党的章程,履行党员义务,执行党的决定,严守党的纪律,保守党的秘密,对党忠诚,积极工作,为共产主义奋斗终身,随时准备为党和人民牺牲一切,永不叛党
پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسى مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن
预备党员必须面向党旗进行入党宣誓
كاندىدات پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىشى شەرت
在特殊情况下,党的中央委员会可以直接接收党员
ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ
党的支部委员会对申请入党的人,要进行严格的审查,认为合格后再提交支部大会讨论
پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا ،ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك
申请入党的人,要填写入党志愿书,要有两名正式党员作介绍人
پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ
发展党员,必须把政治标准放在首位,经过党的支部,坚持个别吸收的原则
پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت