大力推动绿色发展,建设美丽重庆,筑牢长江上游重要生态屏障。
يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل چۇڭچىڭ قۇرۇپ چىقىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
绿化祖国要人人尽责。要畅通群众参与渠道、创新尽责形式,发挥好林长制作用,把各方面力量调动起来,推动全民义务植树不断走深走实。
ۋەتەننى كۆكەرتىشتە ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
广大青少年是祖国的未来,从小要积极参加劳动、植树造林,把绿色的种子种进心里,养成尊重自然、热爱自然的意识,勤奋学习、锻炼身体、茁壮成长,德智体美劳全面发展,努力成为国家栋梁。
كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەككە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، يېشىللىق ئۇرۇقىنى قەلبىگە تېرىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك.
推进文化和旅游深度融合,守护好三湘大地的青山绿水、蓝天净土,把自然风光和人文风情转化为旅游业的持久魅力。
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇنەن تۇپرىقىنىڭ يېشىل تېغى، سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنى، پاكىز تۇپرىقىنى ياخشى قوغداپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەلپكارلىقىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
促进经济社会发展全面绿色转型是解决资源环境生态问题的基础之策,要坚持全面转型、协同转型、创新转型、安全转型,以“双碳”工作为引领,协同推进降碳、减污、扩绿、增长,把绿色发展理念贯穿于经济社会发展全过程各方面。
ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىش، ماس تىپ ئۆزگەرتىش، ئىجادىي تىپ ئۆزگەرتىش، بىخەتەر تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريا نى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.
要守牢国土空间开发保护底线,完善生态环境分区管控体系,夯实高质量发展的生态基础。
دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
广大环境资源界委员要在加强生态环境保护、以高水平保护支撑高质量发展上作出新贡献。
مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى كەڭ ئەزالار ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
绿色发展是高质量发展的底色,新质生产力本身就是绿色生产力。必须加快发展方式绿色转型,助力碳达峰碳中和。
يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدۇر. جەزمەن تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.