广泛凝聚共识,助力推进中国式现代化。要围绕中共二十大提出的重大战略任务和中央经济工作会议部署继续深入调研,更有针对性地建言献策。全国工商联要引导民营经济人士坚定发展信心,共同唱响中国经济光明论。
ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئورتاق ياڭرىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
全国工商联积极配合有关部门和地方落实促进民营经济高质量发展的政策,为促进非公有制经济健康发展、非公有制经济人士健康成长做了大量工作。
مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى.
我们有针对性地破解难题,扎实推进高质量发展,推动我国经济总体回升向好,全年经济总量超过126万亿元,就业、物价总体平稳。我们加快完善新型举国体制,科技创新实现新突破,促进新质生产力发展。
بىز قىيىن مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بىز يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
希望天津聚焦经济建设这一中心工作和高质量发展这一首要任务,以推进京津冀协同发展为战略牵引,勇担使命、开拓进取,全面建设社会主义现代化大都市,奋力谱写中国式现代化天津篇章。
تيەنجىننىڭ دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تيەنجىن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
各级领导干部要增强金融思维和金融工作能力,坚持经济和金融一盘棋思想,认真落实中央金融工作会议的各项决策部署,统筹推进经济和金融高质量发展,为以中国式现代化全面推进强国建设、民族复兴伟业作出新的更大贡献。
ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇل مۇئامىلە تەپەككۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلە بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
推动金融高质量发展、建设金融强国,要坚持法治和德治相结合,积极培育中国特色金融文化,做到:诚实守信,不逾越底线;以义取利,不唯利是图;稳健审慎,不急功近利;守正创新,不脱实向虚;依法合规,不胡作非为。
پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك؛ ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك؛ سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق؛ قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
中国特色金融发展之路既遵循现代金融发展的客观规律,更具有适合我国国情的鲜明特色,与西方金融模式有本质区别。我们要坚定自信,在实践中继续探索完善,使这条路越走越宽广。
جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى ھەم زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يولنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
要以高水平安全保障高质量发展,依法维护社会主义市场经济秩序,提升法治化营商环境建设水平。
يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.