支持发展吸纳就业能力强的产业和企业,稳定和扩大就业容量。
قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپ ۋە كارخانىلارنى قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.
因地制宜发展新质生产力,改造提升传统产业,培育壮大新兴产业,布局建设未来产业,完善现代化产业体系,努力创造更多高质量就业岗位。
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك.
要坚定不移贯彻新发展理念,更加自觉地把高质量充分就业作为经济社会发展的优先目标,使高质量发展的过程成为就业提质扩容的过程,提高发展的就业带动力。
قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىن نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
要积极构建国际物流大通道,大力推动自由贸易区联动创新,建设好制度型开放示范区,深度融入高质量共建“一带一路”,精心打造重大国际交流合作高能级平台,努力成为畅通国内国际双循环的重要节点。
خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، زور خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بويىچە يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۇپىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىشى كېرەك.
要大力推动发展方式绿色低碳转型,推进绿色环保科技创新和产业发展。要深度对接区域协调发展战略,努力成为北方地区经济重要增长极。
تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، مۇھىت قوغداش بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىمال رايونلارنىڭ ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلىنىش كېرەك.
要着眼国家战略需求,统筹推进传统产业改造提升、新兴产业培育壮大、未来产业超前布局,全面释放实体经济和数字经济融合效能,因地制宜发展新质生产力。
دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
推进经济体制改革要从现实需要出发,从最紧迫的事情抓起,在解决实践问题中深化理论创新、推进制度创新。
ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
中国新能源产业在开放竞争中练就了真本事,代表的是先进产能,不仅丰富了全球供给,缓解了全球通胀压力,也为全球应对气候变化和绿色转型作出巨大贡献。
جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ئېچىۋېتىش رىقابىتىدە ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈردى، ئۇ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەرشارىۋى تەمىناتنى بېيىتىپلا قالماي، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلەتتى، شۇنداقلا يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى.
推动西部大开放、促进西部大开发,物流很重要,大家要继续努力,不断创造新的业绩,作出新的贡献。
غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەشيا ئوبوروتى ئىنتايىن مۇھىم، كۆپچىلىك داۋاملىق تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇڭلار.
发展各具特色的县域经济,培育一批农业强县、工业大县、旅游名县,促进农民群众就近就业增收,因地制宜推进城镇化进程。
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك ناھىيەسى، سانائەت چوڭ ناھىيەسى، ساياھەت داڭلىق ناھىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
大力推动传统产业节能降碳改造,有序推进煤炭清洁高效利用。
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
探索文化和科技融合的有效机制,加快发展新型文化业态,形成更多新的文化产业增长点。
مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
深入推进城乡融合发展,壮大县域经济,畅通城乡要素双向流动,科学统筹乡村基础设施和公共服务布局。
شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك.
坚持大农业观、大食物观,积极发展特色农业和农产品加工业,提升农业产业化水平。
چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
中国开放的大门会越开越大,我们愿意同世界各国加强交流合作,欢迎更多外国企业来华投资发展。
جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
科技创新、高质量发展是企业不断成长壮大、立于不败之地的关键所在,民营企业、合资企业在这方面都可以大有作为。
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشى، زورىيىشى، يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، پۇقراۋى كارخانىلار، شېرىك كارخانىلار بۇ جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.
推进产业、能源、交通运输结构绿色低碳转型,加快培育壮大绿色低碳产业,加强资源节约集约循环利用。完善流域横向生态保护补偿机制和生态产品价值实现机制,推进产业生态化和生态产业化。
كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش ـ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋادىنىڭ گورىزونتال ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
要以加快新质战斗力供给为牵引,深化国防科技工业体制改革,优化国防科技工业布局,健全先进技术敏捷响应、快速转化机制,构建同新兴领域发展相适应的创新链、产业链、价值链。
يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەر بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكىلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش، تېز ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
要瞄准世界能源科技前沿,聚焦能源关键领域和重大需求,合理选择技术路线,发挥新型举国体制优势,加强关键核心技术联合攻关,强化科研成果转化运用,把能源技术及其关联产业培育成带动我国产业升级的新增长点,促进新质生产力发展。
دۇنيا ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە ئاچقۇچلۇق ساھەسى ۋە مۇھىم ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا لۇشيەنىنى مۇۋاپىق تاللاپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ھەم ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق كەسىپلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
加快产品更新换代是推动高质量发展的重要举措,要鼓励引导新一轮大规模设备更新和消费品以旧换新。物流是实体经济的“筋络”,联接生产和消费、内贸和外贸,必须有效降低全社会物流成本,增强产业核心竞争力,提高经济运行效率。
مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «تومۇرى»، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى، ئىچكى سودا بىلەن تاشقى سودىنى تۇتاشتۇرۇشتا، جەزمەن پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.