中国始终高度重视知识产权保护,深入实施知识产权强国建设,加强知识产权法治保障,完善知识产权管理体制,不断强化知识产权全链条保护,持续优化创新环境和营商环境。
جۇڭگو باشتىن-ئاخىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.
要积极发展全过程人民民主,坚持党的领导、人民当家作主、依法治国有机统一,健全人民当家作主制度体系,实现人民意志,保障人民权益,充分激发全体人民的积极性主动性创造性。
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.
民营企业和民营企业家要筑牢依法合规经营底线,弘扬优秀企业家精神,做爱国敬业、守法经营、创业创新、回报社会的典范。
پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك.
要依法规范和引导各类资本健康发展,有效防范化解系统性金融风险,为各类所有制企业创造公平竞争、竞相发展的环境。
تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، بەس-بەستە تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
强化社会治安整体防控,依法严惩群众反映强烈的各类违法犯罪活动。
جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.
加快推进市域社会治理现代化,提高市域社会治理能力。
شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
深入推进司法体制改革,努力让人民群众在每一项法律制度、每一个执法决定、每一宗司法案件中都感受到公平正义。
قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر قانۇن-تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
加快建立以权利公平、机会公平、规则公平为主要内容的社会公平保障体系,保证人民平等参与、平等发展权利。
ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جەمئىيەت ئادىللىقى كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
构建全国统一大市场,深化要素市场化改革,建设高标准市场体系,营造市场化、法治化、国际化营商环境,着力提高全要素生产率。
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.
要增强法治意识、程序意识、证据意识,不断提高纪检监察工作规范化、法治化、正规化水平。
قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل-ئىسپات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
进一步健全完善惩治行贿的法律法规,完善对行贿人的联合惩戒机制。严厉打击那些所谓“有背景”的“政治骗子”。
پارا بېرىشنى جازالاشقا دائىر قانۇن-نىزاملارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلىكتە جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاتالمىش «ئارقا كۆرۈنۈشى بار» ئاشۇ «سىياسىي ئالدامچى»لارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.
推动金融高质量发展、建设金融强国,要坚持法治和德治相结合,积极培育中国特色金融文化。
پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك.
加强市场监管和劳动保障监察执法,有效治理就业歧视、欠薪欠保、违法裁员等乱象。
بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە ئەمگەك كاپالىتى بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، سۇغۇرتا ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا خادىم قىسقارتىش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.
加强灵活就业和新就业形态劳动者权益保障,扩大职业伤害保障试点,及时总结经验、形成制度。
جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش، تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
要加强劳动者权益保障。健全劳动法律法规,规范新就业形态劳动基准,完善社会保障体系,维护劳动者合法权益。
ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەككە دائىر قانۇن-نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ ئەمگەك ئاساسىي ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
各级党委和政府要关心爱护广大劳动群众,切实实现好、维护好、发展好劳动者合法权益,激励广大劳动群众在辛勤劳动、诚实劳动、创造性劳动中成就梦想。
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش داۋامىدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
要加强政法机关党的政治建设,锻造忠诚干净担当的新时代政法铁军。
سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك.
要以高水平安全保障高质量发展,依法维护社会主义市场经济秩序,提升法治化营商环境建设水平。
يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
要保障和促进社会公平正义,维护国家法治统一,全面推进科学立法、严格执法、公正司法、全民守法,深化司法体制综合配套改革,全面准确落实司法责任制。
جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
各地要立足一域谋全局,落实好属地风险处置和维稳责任。
ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى كونكرېت بىر ساھەدە پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەشكە قويۇپ، تەۋەلىكىدىكى خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.