要从源头着手,完善管权治吏的体制机制,更加常态化、长效化地防范和治理腐败问题。
مەنبەدىن باشلاپ قول سېلىپ، ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك.
扎紧防治腐败的制度笼子,形成了一整套比较完善的党内法规体系和反腐败法律体系,增强制度刚性,防止“破窗效应”,贯通执纪执法,强化综合效能,确保各项法规制度落地生根。
چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتىكى تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پۈتۈن بىر يۈرۈش پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام سىستېمىسى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىپ، «چېقىق دېرىزە ئېففېكتى»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قانۇن-نىزام، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
我们把人权普遍性原则同中国实际结合起来,从我国国情和人民要求出发推动人权事业发展,确保人民依法享有广泛充分、真实具体、有效管用的人权。
بىز كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ، تولۇق، ھەقىقىي، كونكرېت، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
我们不断发展全过程人民民主,推进人权法治保障,坚决维护社会公平正义,人民享有更加广泛、更加充分、更加全面的民主权利。
بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق، خەلق تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى.
要加强宪法理论研究和宣传教育,坚持知识普及、理论阐释、观念引导全面发力,在全社会大力弘扬宪法精神、社会主义法治精神,推动宪法实施成为全体人民的自觉行动。
ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيەنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
要贯彻新时代中国特色社会主义法治思想,坚持宪法规定、宪法原则、宪法精神全面贯彻,坚持宪法实施、宪法解释、宪法监督系统推进,加快完善以宪法为核心的中国特色社会主义法律体系,不断提高宪法实施和监督水平。
يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭ نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
要坚定政治制度自信,坚持宪法确定的中国共产党领导地位不动摇,坚持宪法确定的人民民主专政的国体和人民代表大会制度的政体不动摇。
سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك.
新征程上,要坚定维护宪法权威和尊严,推动宪法完善和发展,更好发挥宪法在治国理政中的重要作用,为以中国式现代化全面推进强国建设、民族复兴伟业提供坚实保障。
يېڭى مۇساپىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
宪法是治国安邦的总章程,是我们党治国理政的根本法律依据,是国家政治和社会生活的最高法律规范。
ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قانۇن ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئالىي قانۇن ئۆلچىمى.
积极参与全球治理体系改革和建设,推动全球治理朝着更加公正合理的方向发展,以国际良法促进全球善治,助力构建人类命运共同体。
يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ياخشى قانۇن ئارقىلىق يەرشارىۋى ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
要坚定维护以国际法为基础的国际秩序,主动参与国际规则制定,推进国际关系法治化。
خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
善于运用法治思维和法治方式解决问题、化解矛盾、协调关系,加强诚信建设,加强知识产权保护,常态化开展扫黑除恶,为各类经营主体创造稳定、透明、规范、可预期的法治环境。
قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئۈچۈن مۇقىم، ئاشكارا، قېلىپلاشقان، كۆزلىمىلىك قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
中国高度重视法治固根本、稳预期、利长远的保障作用,积极参与全球治理体系改革和建设。
جۇڭگو قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلىك رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى.
要着眼长治久安,高举法治旗帜,用好法律武器,提升法治化水平,筑牢稳定的法治基础。
ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
加快耕地质量保护立法,实施黑土地保护工程,加强酸化等退化耕地治理,实施耕地有机质提升行动。
تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشنى تېزلىتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كىسلاتالىشىش قاتارلىق چېكىنگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەردىكى ئورگانىك تەركىبلەرنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.
必须始终坚持用最严格制度最严密法治保护生态环境,保持常态化外部压力。
جەزمەن ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق تاشقى بېسىمنى ساقلاش كېرەك.
各级人大及其常委会要加强生态文明保护法治建设和法律实施监督,各级政协要加大生态文明建设专题协商和民主监督力度。
ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
完善自然资源资产管理制度体系,健全国土空间用途管制制度。
تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
实施最严格的地上地下、陆海统筹、区域联动的生态环境治理制度,全面实行排污许可制。
يەر ئۈستى بىلەن يەر ئاستى، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بىرتۇتاش پىلانلانغان، رايونلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئېكولوگىيە-مۇھىتنى تۈزەش ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك.
要强化法治保障,统筹推进生态环境、资源能源等领域相关法律制定修订,以良法保障善治。
قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىت، بايلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.