习近平外交思想
شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى

学习
手卡

要顺应开放发展的时代潮流。倡导普惠包容的经济全球化,推进贸易和投资自由化便利化,解决好发展失衡等问题,推动全球治理体系朝着更加公正合理的方向发展。

كارتىسى
ئۆگىنىش

ئوچۇق تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

学习
手卡

要营造和平发展的国际环境。各国特别是大国要践行真正的多边主义,倡导平等有序的世界多极化,恪守联合国宪章宗旨和原则,支持联合国贸易和发展会议等多边机构更好发挥作用。

كارتىسى
ئۆگىنىش

تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

学习
手卡

当前,中国正以中国式现代化全面推进强国建设、民族复兴伟业。中国式现代化将给世界带来巨大机遇。

كارتىسى
ئۆگىنىش

ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

学习
手卡

70年来,和平共处五项原则跨越时空、超越隔阂,经久愈韧、历久弥新,成为开放包容、普遍适用的国际关系基本准则和国际法基本原则,为人类进步事业作出了不可磨灭的历史贡献。

كارتىسى
ئۆگىنىش

70 يىلدىن بۇيان، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى زامان ۋە ماكان ھالقىپ، ئارازلىقتىن ھالقىپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئايلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

学习
手卡

中国是和平共处五项原则的忠实实践者。新中国成立70多年来,从未主动挑起过一场战争,从未侵占别国一寸土地。

كارتىسى
ئۆگىنىش

جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدى، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدى.

学习
手卡

扎实推进中国特色大国外交,为变乱交织的世界增添确定性和正能量,展现了推动构建人类命运共同体的责任担当。

كارتىسى
ئۆگىنىش

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى نامايان قىلدۇق.

学习
手卡

我国成功举办第三届“一带一路”国际合作高峰论坛、中国-中亚峰会,推动金砖国家扩员,中国特色大国外交越来越显示出强大的影响力、感召力、塑造力。

كارتىسى
ئۆگىنىش

دۆلىتىمىز 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

学习
手卡

当今世界并不太平,中国一如既往,以人类前途为怀、以人民福祉为念,努力为人类和平和发展事业贡献中国智慧、中国方案,倡导平等有序的世界多极化和普惠包容的经济全球化,推动构建人类命运共同体,携手建设更加美好的世界。

كارتىسى
ئۆگىنىش

بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىدۇ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ.