ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ كەندۇڭ خەۋىرى) 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسىگە جايلاشقان دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاراجون ساياھەت «قىزغىنلىقى»نى كۈتۈۋالدى.
قاراجون مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى، كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
«بۇنداق گۈزەللىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇمۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قاراجونغا كېلىشىم، بۇ خىل ئاجايىپ تەبىئىي گۈزەللىك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن» دېدى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى چۈەن شيا.
ساياھەتچىلەر ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تاماشا قىلماقتا. تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
ساياھەتچىلەر ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ قاراجون كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى، كۆل يۈزىدە زۇمرەتتەك ئېقىنلار دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، يىراقتىكى قاتمۇقات ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرىنىڭ شولىسى كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتەتتى. پورتقا كېلىپلا، ساياھەتچىلەر تاقەتسىزلىك بىلەن قىرغاققا چىقىپ، ھەر خىل سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە - ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
قاراجون كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئات سۆرەيدىغان كىچىك پويىزلار، ئاممىۋى ۋېلىسىپىتلار، توكلۇق سەيلە - ساياھەت ئاپتوموبىللىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، مەنزىرە رايونىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.
«توققۇز توقاي 18 ئەگمىنى، چوڭ جىلغىنى كۆردۇق، بۇ يەردە يەنە كۆپچىلىكنىڭ تاماشا قىلىشى ئۈچۈن كىچىك پويىز، ۋېلىسىپىت، دالا ۋېلىسىپىتى بار ئىكەن، يەنە بىر قېتىم قاراجونغا كېلىشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ چۈەنشېڭ.
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ يىل قاراجون مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياپىلاق تاسما، ئارقاندا سىيىرىلىش، لەيلەپ ئېقىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تۈر ۋە ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، مەنزىرە رايونىنى ئايلانما لىنىيە بويىچە ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېقىندا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6000 كىشىدىن ئاشتى.
شىنجاڭ قاراجون مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېي جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: «5-ئايدىن بۇيان، قاراجون ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونىمۇ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ساياھەت يېڭى بۆسۈش ئېغىزىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ساياھەتچىلەرگە خاتىرجەم، ئازادە بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ».