5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى، ئۆزگىچە چوڭ - كىچىك كوچىلاردا، توردا ئالقىشلانغان داكا قىلىدىغان پەلەمپەيدە، ھەر خىل مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان كېلىشكەن يىگىتلەر، چىرايلىق قىزلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كىيىم ئالماشتۇرۇپ ساياھەت سۈرەتلىرىگە چۈشۈش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، «دوستلار چەمبىرىكىنىمۇ قىزىتىۋەتتى».
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر 5A دەرىجىلىك تارىخ ئادىمىيەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئەزەلدىن «ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر» دېگەن نامى بار، قەدىمىي شەھەردە جەمئىي 99 ئۆزگىچە كوچا بار. گىرەلىشىپ كەتكەن ئەگرى - بۈگرى كوچىلار، ئۈستى - ئۈستىلەپ سېلىنغان، قەدىمىيلىكى، ئاددىيلىقىدىن گۈزەللىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە دوپپا، مىس بۇيۇملار، ساپال قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قوشۇلۇپ، پۈتكۈل قەدىمىي شەھەرنى بەئەينى بىر «تەبىئىي سۈرەتكە ئېلىش زالى»غا ئوخشىتىپ قويغانىدى.
5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچقۇرۇن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئايلانغاندا، نەچچە قەدەمدە بىر ساياھەت سۈرەتخانىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ھەممىلا يەردە ساياھەت سۈرەتلىرىگە چۈشۈۋاتقانلار بار ئىدى. فوتوگرافنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بوشلۇقتىكى گۈللۈك، ھەسەن - ھۈسەن كوچىسى، گىلەم كوچىسى قاتارلىق توردا ئالقىشلانغان داكا نۇقتىلىرىدا ئايلىنىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىدا مەستخۇش بولۇشقانىدى. «بۇ ئاھالىلەر ئۆيلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كىيىم - كېچەكلىرى ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەن، بۇ كىيىملەرنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل مىنۇتلاردىن بەكلا خاتىرە قالدۇرغۇم بار» دېدى شېنجېنلىق ساياھەتچى جۇ شياۋلېي.
چىڭداۋلىق فوتوگراف ليۇ فېڭ 2022 - يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تارىخىي ئادىمىيەت ئاساسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىغا مەپتۇن بولدى، شۇنىڭ بىلەن چىڭداۋدىن ئۆمەك باشلاپ كېلىپ ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىش دۇكىنىدىن ئىككىنى ئاچتى. يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ليۇ فېڭ تىجارەت قىلىۋاتقان فۇياۋ ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىش دۇكىنى ھەر كۈنى 60تىن 70كىچە زاكاز قوبۇل قىلىپ سۈرەتكە تارتتى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ليۇ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن چىڭداۋدىن ئالتە سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنى يۆتكەپ كەلگەنىدىم، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ساياھەت ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، يەنە سۈرەتكە تارتىش گۇرۇپپىسىدىن تۆتنى كۆپەيتىمەن. ليۇ فېڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىش دۇكىنىغا چىڭداۋدىن خىزمەتچى باشلاپ كەلگەندىن باشقا، يەنە قەشقەرنىڭ ئۆزىدىنمۇ گىرىمچىك، فوتو سۈرەت ياردەمچىسى تەكلىپ قىلدى، دۇكاندا ئىشلىتىلىۋاتقان مىللىيچە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى قەشقەردىكى كىيىم - كېچەك دۇكانلىرى، زىبۇ - زىننەت دۇكانلىرىدىن بۇيرۇتتى.
فۇياۋ سۈرەتخانىسىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ساياھەت سۈرەتخانىسىدىن ھازىر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە 160 نەچچىسى بار، ھالبۇكى 2020 - يىلى، پۈتكۈل مەنزىرە رايونىدا ساياھەت سۈرەتخانىسىدىن ئاران ئىككىسىلا بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىشنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە سۈرەتكە تارتىش، گىرىم قىلىش، كىيىم - كېچەك بۇيرۇتۇپ تىككۈزۈش، زىبۇ - زىننەت ياسىتىش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىش كەسپىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدە «قەشقەر شەھىرى بەدىئىي سۈرەتكە تارتىش جەمئىيىتى» قۇرۇلدى. ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى يېڭىدىن «توردا ئالقىشلانغان داكا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرى»نى سىجىل بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھەسەن - ھۈسەن كوچىسى، تاغارچى كوچىسى، ماي بوياق رەسىم كوچىسى قاتارلىق 30دىن ئارتۇق داكا نۇقتىسى بار بولدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې تاۋ مۇنداق قارىدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىش قىزغىنلىقى قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۇزاق تارىخى، مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا بۇ قىزغىنلىق قەشقەر شەھىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش، كەسىپ ھالىتىنى كۆپەيتىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھىرى 2018 - يىلى 6 - ئايدىلا «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تەسىرات كوچىسى» قۇرۇشنى باشلاپ، ئالىي دەرىجىلىك ئائىلىۋى قونالغۇ، مۇزىكىلىق قاۋاقخانا، مىللىيچە چايخانا، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر ئائىلىدە بىر مەھسۇلات بولۇش»تەك خاس كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى.
«سۈرەتكە تارتىش كەسپى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» خې تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى ۋە بازار كەيپىياتى يارىتىپ، ساياھەت سۈرەتلىرىگە تارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى قەدىمىي شەھەردە خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك، ئازادە ئويناش، غىزالىنىش، تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.