5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ <مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە باھالاش>(LB/T075-2019)نى يولغا قويۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى، مەملىكەتلىك ساياھەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى 66 ئورۇننى 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى دەپ بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بەش ئورۇن تاللاندى.
بۇ بەش ئورۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نارات مەنزىرە رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى.
مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرى مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇش، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنى مەدەنىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەربىيەلەش، تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىي ساياھەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى باھالاشتا، ھەم تەشكىللەش، باشقۇرۇش، بايلىقنى قوغداش، ساياھەت مۇھىتى قاتارلىق «دائىرە»لەرنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ھەم مەدەنىي ئەسكەرتىش، مەدەنىي يېتەكلەش، مەدەنىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق «نۇقتا»لار تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.