ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى تۇرگېن يېزىسىدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى چېچەك سەيلىسىگە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ياۋا ئۆرۈكلۈك دەل چېچەكلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى. «3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن ھازىرغىچە، كۈنەس ناھىيەسى چېچەكنى ۋاسىتە قىلىپ، 220 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، ساياھەت كىرىمى 120 مىليون يۈەنگە يەتتى.» دېدى كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭمېي.
ئىلگىرىكى يىللاردىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل كۆرۈنۈشى.شاڭ جۇڭلىن فوتوسى
3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن «2023-يىللىق جۇڭگو . نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» مەزگىلىدە، شۇ جاي چېچەك سەيلىسى تېمىسىدىكى ناخشا كېچىلىكى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ھازىر، شۇ جايدا يەنىلا چېچەك سەيلىسى قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مەززىلىك يېمەكلىلەر، فوتو سۈرەت، پىيادە مېڭىش قاتارلىق كىچىك كۆلەمدىكى كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر بار.
نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توردا ئالقىشلانغان چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان جاي بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئون چوڭ چېچەك سەيلىسى قىلىشتىكى مەنزىرلىك جايلارنىڭ بىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى ۋە شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىغا بېرىپ تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى، كۈنەس ناھىيە نارات ۋەنخېيۈەن ئېكولوگىيە ساياھەت چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ مېھمان ئۇزۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.