گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - تەرەپنىڭ ساياھەت ئىستاتىستىكا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 35 مىليون 226 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.64 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 27 مىليارد 514 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.05 ئاشقان.
قار - مۇز ساياھىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئالتايغا بېرىپ قار تېيىلىپ دەم ئېلىش نۇرغۇن قار - مۇز ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىشلىق «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى»گە ئايلاندى، 1 - پەسىلدە ئالتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5 مىليون 514 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.63 ئاشتى؛ 4 مىليارد 813 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.84 ئاشتى.
چېچەك سەيلىسى داۋاملىق جانلاندى. بۇ تەرەپتە قار تېخى ئېرىمىگەن بولسىمۇ، ئۇ تەرەپتە ئۆرۈك چېچىكى ئېچىلدى. 2023 - يىللىق شىنجاڭ . يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك «ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسى، «2023 - يىللىق جۇڭگو . نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى»، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى... چېچەك سەيلىسى پەسلى باشلاندى، چېچەك سەيلىسى ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس - بەستە يېتىپ كەلدى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلانغان تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 679 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، 586 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ياخشى قىياپىتى نامايان قىلىندى. قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچى جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى، ئارقىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە ئوينالدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ تىياتىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كۆرۈش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، بېلەت تېپىش تەس بولدى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە 2 - نۆۋەتلىك «ئوت يۇرتىدىكى ناغرا ساداسى، ئالتۇن سۇناي» ناغرا - سۇناي مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى باشلانغان 12 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ . ئىلى ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدا ساياھەتچىلەر چېچەك سەيلىسى قىلغاندىن باشقا يەنە پانۇس كۆرگەزمىسى كۆردى، شېئىر قاتارلىقلاردىن ھۇزۇر ئالدى.
خەلق ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق خاس ساياھەتلەر ناھايىتى ئالقىشلاندى. 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باغراش ناھىيەسىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك قۇملۇق مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ۋە «خاۋشۇەي لوڭقىسى» قۇملۇق دالا راللى مۇسابىقىسى باشلاندى، پائالىيەتتە كۈتۈۋېلىنغان شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 50 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى.
«پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 523 ساياھەتچى ئولتۇرغان Y936 قېتىملىق «تەكلىماكاننى ئايلىنىش سەپىرى . قالتىس ئىزلار» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 11 كۈندە تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ مەخسۇس پويىزنى 18 قېتىم قاتنىتىش پىلانلانغان بولۇپ، ھەربىر قېتىملىق پويىز 500دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن.