4-ئاينىڭ 10-كۈنى، «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاۋاقخانىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، بۇ يىلقى تۇنجى «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۇچا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھەشەمەتلىك قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە «ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى شەكلى»دىكى مۇلازىمىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى «كۆچمە مېھمانخانا»غا ئورۇنلاشقاندەك ھېس قىلدۇردى.
«شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت ماركىسى قارىمىقىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئىزچىل يۇقىرى سۈپەتلىك سەپەرگە چىقىش تەسىراتى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى بىر ئايلىنىپ، يول بويى كۇچا، قەشقەر، خوتەن، كورلا قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى بىر ـ بىرلەپ ساياھەت قىلدۇرىدۇ ھەم پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان پەنلوڭ قەدىمىي يولى، تاشقورغان، ئۆرۈك چېچىكى كەنتى قاتارلىق ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە جەنۇبىي شىنجاڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
«شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئايرىمخانىسىدىكى ئەسلىھەلەر.مۇ جىپېڭ فوتوسى
بۇ ساياھەت مەخسۇس پويىزىدا يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگوندىن 13ى، ئاشخانا ۋاگونىدىن 2سى، قاۋاقخانا ۋاگونىدىن بىرى بار، يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگون ئىچىدە سەككىز سېرىق ئالماس دەرىجىلىك ۋاگون بار، ھەر بىر ۋاگون تۆت يۈرۈش ياتاقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سەككىز يولۇچى سىغىدۇ، ياتاق ئىچىگە 1.5 مېتىر كېلىدىغان چوڭ كارىۋات سەپلەنگەن، ئايرىم مۇنچا، كىتاب ئۈستىلى، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەر تەسىس قىلىنغان. قالغان بەش ۋاگون كۆك ئالماس دەرىجىلىك ۋاگون بولۇپ، ھەر بىر ۋاگون يەتتە ئايرىمخانىدىن تەركىب تاپقان، 28 ساياھەتچى سىغىدۇ، ۋاگوننىڭ ئىككى بېشى ئاممىۋى مۇنچا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ئايرىمخانىلىرى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ فوتوسى
ۋاگون ئىچىدىكى ھەرقايسى ئايرىمخانىلار شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، مەسىلەن، «نارات»، «قاناس»، «شوتا» قاتارلىقلار. سېرىق ئالماس دەرىجىلىك ۋاگون بىلەن كۆك ئالماس دەرىجىلىك ۋاگون تەمىنلىگەن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. قاۋاقخانا ئىچىدە ھەر خىل ھاراق، ئىچىملىك ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بار بولۇپ، ساياھەتلەر دەم ئېلىش جەريانىدا ئىشلەتسە بولىدۇ. تاماق ۋاگونى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ ھەر خىل مەززىلىك تائاملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنى مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ «ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى شەكلى»دىكى مۇلازىمىتى ساياھەتچىلەرنى گۈزەل سەپەرگە چىقىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «بىز ساياھەتچىلەرنىڭ يۈك ـ تاقلىرىنى ئايرىمخانىغا ئالدىن قويۇپ قويىمىز، پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن چوڭراق يۈك ـ تاقلارنى توشۇشقا ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر بىر ئايرىمخانىلارنى يېڭى مېۋە-چېۋە، 24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيمىز، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت سۇ ئىچىشىگە قولايلىق يارىتىمىز. پويىزدا ھەر كۈنى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، كىيىنىشىگە قولايلىق يارىتىمىز.» دېدى بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ باشلىقى دۇ جۈەن.
«جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ئۆزگىچە ئادىمىيەت ئۆرپ ـ ئادىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بۇ قېتىم ئارزۇيۇمغا يەتكەنلىكىمدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. پويىزنىڭ مۇھىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، سەپەرگە چىقىشتىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدىكەن. بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز سەپەر بولدى» دېدى 75 ياشلىق ساياھەتچى جۇ يوۋچۈن.