让“快旅慢游”成为时尚

石榴云/新疆日报记者 逯风暴

4月19日,“新东方快车”环塔克拉玛干旅游专列返回乌鲁木齐,为期11天的环塔旅游圆满结束。

环塔旅游专列是“铁路+旅游”深度融合发展的生动展示。新疆依托日益完善的铁路交通基础设施,将旅游资源与列车开行紧密结合,游客可以获得“一票多游、多景联游、车随人走、景随车移”新体验,为新疆旅游发展提供了更足的后劲。

打破“旅长游短”困境

“三山夹两盆”的独特地形,造就了新疆姿态万千的壮美风光。但由于新疆地域广阔,城市与城市、景区与景区之间路途远、里程长,旅游市场面临“旅长游短”困境。

所谓“旅长游短”,即游客在路途上耗费的时间较长,欣赏美景的时间却比较短。“这种情况影响着新疆旅游业的发展。”自治区旅游协会副会长张晓宇说。

近年来,我区大力发展交通基础设施建设,民用机场达到25座,高速(一级)公路突破1.1万公里,南北疆铁路形成了双环线。日益完善的立体交通网络,为新疆旅游快速发展提供了重要基础。

尤其是在连线成网的铁路线路基础上,新疆铁路通过改善基础设施、更新列车、调整列车运行方式、合理分配运行时间等方式,进一步压缩铁路旅时,形成了以乌鲁木齐为中心的2小时、3小时、4小时通勤化交通圈等,为“快旅慢游”的旅行方式提供了有力支撑。

“目前部分列车形成了‘公交化’运行,旅客得以快速赶赴目的地游玩。”中国铁路乌鲁木齐局集团有限公司客运部副主任宋强说。

游客花费在旅途中的时间越来越短,留在景区景点的时间越来越长,旅游不再是“走马观花”。“‘快旅慢游’让游客得以深度游,这也是新疆旅游发展的重要方向之一。”张晓宇说。

带给游客更强体验感

4月17日上午,若羌县米兰古城遗址上空艳阳高照,旅游专列上的游客跟随讲解人员的脚步,了解了米兰古城的历史。

游客徐银萍用轮椅推着母亲在木栈道上慢慢前行。遇到不明白的地方,她会向讲解人员咨询,有时会停下来拍摄遗址的断壁残垣。

“旅游专列的方式很适合我们。”徐银萍说,旅游的节奏就应该慢下来。环塔旅游行程中,她陪着母亲慢慢游玩,看风景、赏民俗、品美食,身心得到彻底放松。

“新东方快车”环塔旅游专列沿着南疆铁路、和若铁路、格库铁路新疆段环绕塔克拉玛干沙漠一周,游客们游览了库车、喀什、和田、库尔勒等南疆主要县市,领略了南疆的美景与民俗风情。

“旅游专列是铁路和旅游融合创新发展的成果。”张晓宇说。在列车逐渐缩短旅时,打破“旅长游短”的困境后,新疆发挥铁路优势和旅游资源优势,开行旅游专列可以更好满足游客对深度游的需求。

新疆铁路旅游发展集团有限公司副总经理黄庭奋说,旅游专列具有一线多景的特点,依托日渐完善的新疆铁路网开行旅游专列,有效串联起沿途景点,满足游客一次出游便可游览众多景点的愿望,实现“一票多游、多景联游、车随人走、景随车移”。“坐在火车上也能看风景,旅途变成了旅游,游客体验感更强。”黄庭奋说。

增强新疆旅游发展后劲

一季度,全疆接待游客3522.68万人次,同比增长18.64%;实现旅游收入275.14亿元,同比增长36.05%。

旅游成绩如此亮眼,有“铁路+旅游”深度融合发展的一份功劳。

今年,新疆铁路部门聚焦旅游兴疆战略,扎实推进文旅融合发展,构建起“旅游景区大联通、游客出行大公交、旅游列车大循环”的“铁路+旅游”融合联动发展新模式,一趟趟旅游品牌列车相继开行。

从3月吐鲁番杏花、5月塔城山花到6月伊犁薰衣草,从环游北疆、畅览南疆到畅游南北疆,新疆铁路部门结合各地旅游资源,推出“赏花之旅”“踏青之旅”“探秘之旅”等一系列主题游产品,全年计划开行100列旅游专列。

黄庭奋说,旅游专列产品一经推出即受到市场欢迎,铁路部门将继续开发具有市场吸引力的旅游线路,并提升列车软硬件品质,持续挖掘专列品牌价值,延伸旅游专列产业链条,为新疆旅游提供更多助力。

“铁路和旅游深度融合,使新疆旅游发展韧性更强、活力更旺、后劲更足。”张晓宇说,后期将发挥旅游协会的力量,努力推进“公路+旅游”“民航+旅游”深度融合发展,让新疆旅游业在高质量发展的道路上继续踏步前行。

«تېز سەپەر قىلىپ، ئاستا ساياھەت قىلىش»نى مودىغا ئايلاندۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، 11 كۈنلۈك تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى «تۆمۈريول+ ساياھەت» چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. شىنجاڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تۆمۈريول قاتنىشى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، ساياھەت بايلىقى بىلەن پويىز قاتنىشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى «بىر بېلەت بىلەن كۆپ ساياھەت قىلىش، كۆپ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت قىلىش، پويىز ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەنزىرە پويىزغا ئەگىشىپ يۆتكىلىش»تەك يېڭى تەسىراتقا ئېرىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك زاپاس كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

«سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» قىيىن ئەھۋالىنى ھەل قىلىش

«ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق»تەك ئۆزگىچە يەر شەكلى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ـ تۈمەن قىياپەتتىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شەھەر بىلەن شەھەر، مەنزىرە رايونى بىلەن مەنزىرە رايونى ئارىسىدىكى يول يىراق، مۇساپە ئۇزۇن بولغاچقا، ساياھەت بازىرى «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش»تەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.

«سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» دېگەنلىك، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە سەرپ قىلغان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋيۈ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 25كە يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قوش ئايلانما لىنىيە شەكىللەندى. كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

بولۇپمۇ، لىنىيەلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ تورلاشتۇرۇلغان تۆمۈريول لىنىيەلىرى ئاساسىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، پويىزلارنى يېڭىلاش، پويىزلارنىڭ يۈرۈش شەكلىنى تەڭشەش، يۈرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۆمۈريول سەپەر ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئىككى سائەتلىك، ئۈچ سائەتلىك، تۆت سائەتلىك بېرىش ـ كېلىش قاتناش چەمبىرىكى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، «تېز سەپەر قىلىپ، ئاستا ساياھەت قىلىش» ساياھەت شەكلىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«نۆۋەتتە، بىر قىسىم پويىزلاردا <ئاممىۋى قاتناش> شەكلىدە يۈرۈش شەكىللىنىپ، يولۇچىلار مەنزىلگە تېز يېتىپ بېرىپ ساياھەت قىلالايدىغان بولدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ چياڭ.

ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىراپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تۇرىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزاردى، ساياھەت ئەمدى «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈش» ئەمەس. «<تېز سەپەر قىلىپ، ئاستا ساياھەت قىلىش> ساياھەتچىلەرنى چوڭقۇر ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇمۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشىنىڭ بىرى» دېدى جاڭ شياۋيۈ.

ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرات تۇيغۇسى بېغىشلاش

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى مىرەن قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ئاسمىنىدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى، ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچىلەر چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، مىرەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشتى.

ساياھەتچى شۈ يىنپىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئانىسىنى ئىتتىرىپ ياغاچ ئاسما يولدا ئاستا ماڭدى. بىلمىگەن جايلىرىنى چۈشەندۈرگۈچىدىن سورىدى، بەزىدە توختاپ خارابىلىكتىكى خارابىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

«ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ساياھەت قىلىش بىزگە بەك ماس كېلىدىكەن.» شۈ يىنپىڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتنىڭ رىتىمى ئاستا بولۇشى كېرەك. تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھىتى سەپىرىدە، ئۇ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئاستا ساياھەت قىلىپ، مەنزىرە كۆرۈپ، مىللەتلەر ئۆرپ ـ ئادىتىنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تولۇق ئارام ئالدى.

«شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى، گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى، ساياھەتچىلەر كۇچا، قەشقەر، خوتەن، كورلا قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مىللەتلەر ئۆرپ ـ ئادىتىدىن ھۇزۇرلاندى.

«ساياھەت مەخسۇس پويىزى تۆمۈريول بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسى» دېدى جاڭ شياۋيۈ. پويىز سەپەر ۋاقتىنى تەدرىجىي قىسقارتىپ، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» قىيىن ئەھۋالىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريول ئەۋزەللىكى ۋە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدۇ.

شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: ساياھەت مەخسۇس پويىزى بىر لىنىيەدە كۆپ مەنزىرە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان شىنجاڭ تۆمۈريول تورىغا تايىنىپ ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا سېلىنىپ، يول بويىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ساياھەت بىلەنلا نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىسىنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسى قاندۇرۇلۇپ، «بىر بېلەت بىلەن كۆپ ساياھەت قىلىش، كۆپ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت قىلىش، پويىز ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەنزىرە پويىزغا ئەگىشىپ يۆتكىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «پويىزدا ئولتۇرۇپمۇ مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، سەپەر ساياھەت قىلىشقا ئۆزگەردى، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىرات تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى خۇاڭ تىڭفېن.

شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش

1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 35 مىليون 226 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.64 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 27 مىليارد 514 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.05 ئاشتى.

ساياھەت نەتىجىسىنىڭ بۇنداق يارقىن بولۇشىدا، «تۆمۈريول + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دىققەتنى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى چوڭ دائىرىدە تۇتاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىققاندا چوڭ ئاممىۋى قاتناشنى تاللاش، ساياھەت پويىزى چوڭ ئايلىنىش»تىن ئىبارەت «تۆمۈريول+ساياھەت» يۇغۇرما ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، ساياھەت داڭلىق ماركىسى پويىزلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قاتنىدى.

3 ـ ئايدىكى تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى، 5 ـ ئايدىكى تارباغاتاي تاغ گۈلىدىن 6 ـ ئايدىكى ئىلى ئۈستىقۇددۇسىغىچە، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئەركىن تاماشا قىلىشتىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ئەركىن ساياھەت قىلىشقىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، «چېچەك سەيلىسى ساياھىتى» «باھار سەيلىسى ساياھىتى» «سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش ساياھىتى» قاتارلىق بىر قاتار باش تېمىلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن يىلدا 100 ساياھەت مەخسۇس پويىزى سېلىشنى پىلانلىدى.

خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەھسۇلاتلىرى يولغا قويۇلۇشى بىلەنلا بازارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، تۆمۈريول تارماقلىرى بازار جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ساياھەت لىنىيەلىرىنى داۋاملىق ئاچىدۇ ھەم پويىزنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس پويىزنىڭ داڭلىق ماركا قىممىتىنى سىجىل قېزىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىدۇ.

«تۆمۈريول بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، زاپاس كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» جاڭ شياۋيۈ مۇنداق دېدى: كېيىنكى مەزگىلدە ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، «تاشيول + ساياھەت» «خەلق ئاۋىياتسىيەسى + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

发布时间 :
2023/04/25
责任编辑 :
栏目归属 :
要闻
يوللانغان ۋاقتى:
2023/04/25
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
مۇھىم خەۋەرلەر
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر