ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 11دە، بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان C857 قېتىملىق «فۇشىڭ» ناملىق شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى سائەت 30 مىنۇتتىن كېيىن قارامايغا يېتىپ باردى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، كورلا يۆنىلىشىگە قاراپ بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان شەھەرلەر ئارا پويىزمۇ ئوڭۇشلۇق يولغا چىقىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 4 سائەت 50 مىنۇت، 3 سائەت 30 مىنۇتتا مەنزىلگە يېتىپ باردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۆمۈريولدا بىۋاسىتە بېرىش - كېلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
ئاممىنىڭ تېز سۈرئەتتە سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى
شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شەھەرلەر بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جەزمەن تېز، قولاي قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىۋاسىتە بېرىش - كېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تېز» بولۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتە پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 25كە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايلاندى؛ جۇڭغار ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەمبىرىكى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلاشتى، قولايلاشتى؛ لەنجوۋ - شىنجاڭ گاۋتيېسى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچىدىن قومۇلغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىگە ئەڭ تېز بولغاندا پەقەت ئىككى سائەت 33 مىنۇت كېتىدىغان بولدى.
ئازادىلىكى، تېجەشلىكلىكى، توشۇش ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە. لېكىن شىنجاڭدا پەقەت بىرلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بار بولغاچقا، ئۈرۈمچىدىن ئىلى، ئالتاي، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان سەپەر ۋاقتى يەنىلا بىرقەدەر ئۇزاق ئىدى.
«تۆمۈريول شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى ئاساسلىق شەكىل، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ مۇھىتتا، بىۋاسىتە بېرىپ كېلىدىغان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تۆمۈريولنىڭ تارىخىي بۇرچى، شۇنداقلا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ چياڭ مۇنداق دېدى: كورلا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسى زىچ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك، بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزنى قاتنىتىش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن قاراماي، كورلا، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشكە بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان سەرخىل «فۇشىڭ» ناملىق شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ سەپەر ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان ھالدا زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئىككى سائەتلىك، ئۈچ سائەتلىك، تۆت سائەتلىك بىۋاسىتە بېرىش - كېلىش قاتناش چەمبىرىكى شەكىللەندى.
يۇمشاق، قاتتىق دېتال سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇمشاق، قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پويىزلارنىڭ بىۋاسىتە بېرىپ - كېلىپ قاتنىشىنى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندۇردى» دېدى سۇڭ چياڭ.
تۆمۈريول لىنىيەسى تېخىمۇ ئۇزارتىلدى. بۇلتۇر، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى بىردەك رەسمىي تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر جەنۇب، بىر شىمالدىن ئىبارەت ئىككى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شىنجاڭ تۆمۈريول تورىنى يەنىمۇ زىچ توقۇدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 9092 كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى.
جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئارقا - ئارقىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇردى، نۆۋەتتە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
پويىزنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى»، «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىزنى قاتناتتى، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول تورىنىڭ دەسلەپكى شەكلى نامايان بولدى، شەھەرلەر ئارا پويىز ئۈرۈمچىنىڭ شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي، تۇرپان، قومۇل، كورلا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. 2019 - يىلى، سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز شىنجاڭدا قاتناپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ تۆمۈريولى «فۇشىڭ» ناملىق دەۋرگە قەدەم قويدى.
شەھەرلەر ئارا پويىز ۋە «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنىڭ قاتنىشى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ پويىز قاتناش شەكلى ۋە يۈرۈش ۋاقتىنى جانلىق تەڭشىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان «قەشقەر ناملىق» تېز پويىز قاتنىدى، «قەشقەر ناملىق» پويىز ھەر قېتىمدا يولۇچىلار بىلەن لىق تولۇپ، بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزدىن ئىبارەت بۇ خىل يۈرۈش شەكلى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش قىلدى.
شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى
سۇڭ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزنىڭ بۇ ئۈچ يۆنىلىشتە قاتنىشى بىلەن تۆمۈريولدا قاتناشنى تاللايدىغان يولۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولدى. ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان بۇ لىنىيە، شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى سانائەت توپلاشقان رايون بولۇپ، نوپۇس بىرقەدەر كۆپ، تۆمۈريول ئارقىلىق بىۋاسىتە بېرىپ - كېلىپ قاتناشقا بولغان ئېھتىياج زور. شۇڭا، 2014 - يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەر ئارىسىدا «شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىزنى قاتناتتى. كورلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نوپۇسى كۆپ، بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپى يارىتىپ، ناھىيە بازىرى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەر، چېگرا شەھەر، كىچىك شەھەر - بازارلار ۋاسىتە قىلىنغان كۆپ تايانچ نۇقتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. «شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى بەرپا قىلىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپى يارىتىشنىڭ ھەممىسىدە قولايلىق قاتناشنى ئاساس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بىز قاراماي، غۇلجا، كورلا يۆنىلىشكە بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزنى قاتنىتىشنى تاللىدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈگۈن شەھەرلەر ئارىسىدا بىۋاسىتە بېرىش - كېلىش قاتنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى قوللاشتىن ئىبارەت» دېدى سۇڭ چياڭ.
بۇ ئۈچ يۆنىلىشكە بىر بېكەتتىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىزنىڭ قاتنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن قارامايغا بارىدىغان سەپەر ۋاقتىنى ئوخشاش يۆنىلىشتىكى باشقا «فۇشىڭ» ناملىق شەھەرلەر ئارا پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىنۇت تېجىلىپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، كورلىغا بارىدىغان سەپەر ۋاقتىنى ئوخشاش يۆنىلىشتىكى باشقا «فۇشىڭ» ناملىق شەھەرلەر ئارا پويىزغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 59 مىنۇت، 39 مىنۇت تېجىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈگۈن شەھەرلەر ئارىسىدىكى ۋاقىت - بوشلۇق ئارىلىقى يەنە بىر قېتىم قىسقاردى.
«كېيىنكى مەزگىلدە بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، پويىزنىڭ يۈرۈش شەكلىنى داۋاملىق جانلىق تەڭشەپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى سۇڭ چياڭ.