消费升级需求加快 新型消费增速明显

石榴云/新疆日报记者 黑宏伟 郑卓

一声惊雷响,唤来万物春。随着天气逐渐转暖,新疆消费市场节节升温。无论是乌鲁木齐“3·15”国际车展,还是火遍各地的赏花热潮,无不释放着消费的火热劲头。

今年以来,一系列扩内需促消费的举措持续发力,群众消费信心不断增强,消费市场呈现加速回升态势。今年1—2月,全区实现社会消费品零售总额577.58亿元,同比增长3.7%,增速高于全国0.2个百分点。

人潮涌动

消费市场持续火热

3月26日晚9时,乌鲁木齐经济技术开发区(头屯河区)万达金街上人流熙熙攘攘。在五彩斑斓的霓虹灯映射下,市民们三五成群边逛边聊,路两边商家忙得顾不上抬头,外卖小哥穿梭于人群中……

今年以来,我区先后出台恢复扩大消费工作实施方案等政策措施,深入推进“2023消费促进年”“爱尚新疆、乐享消费”全民迎新消费节暨全球购·年货节活动等,通过政府支持引导、企业折扣让利、消费者受益的形式,进一步激发消费市场活力,推动消费平稳增长。

消费市场的持续回暖和消费需求的明显释放让越来越多的市场经营者感受到了暖意。

乌鲁木齐市水磨沟区新民东街集市是集早市、夜市等为一体的便民集市。每晚八九点钟,集市便会迎来客流高峰。“很多市民喜欢下班后来逛集市,我一天能卖四五百元。”在集市上卖卤制品的田烁说。

数据显示,前两月全区限额以上单位实现商品零售额258.67亿元,同比增长3.7%;限额以上单位实现餐饮收入14.49亿元,同比增长6.6%,商品零售、餐饮收入双回升。

汽车等大宗消费品也有亮眼成绩单。各地积极推进汽车消费补贴活动和汽车下乡专项行动,2月,我区限额以上汽车类商品实现零售额48.89亿元,同比增长21.6%。

为积极扩大内需、提振消费信心,新疆围绕不同群体多元化、多层次消费需求,通过政策补贴叠加商家优惠等多种形式助力消费提升。

自治区商务厅党组成员、副厅长何国庆表示,今年将持续举办多领域、多层次、多元化的消费促进活动,实现“周周有场景、月月有活动、季季有主题”,贯通全年、四季持续。

需求升级

绿色智能消费渐入佳境

3月26日,听说有家电惠民消费补贴,乌鲁木齐市民龚洪亮大清早就和妻子一起来到家电卖场挑电器。

“我家早就想换一台更省水、省电的滚筒洗衣机,这次有补贴券,会省不少钱。”龚洪亮说,近年来家电更新迭代很快,他更看重电器智能化,使用智能洗衣机,手机端预先设定,人不在家,衣服就洗干净了。

日前,海尔智家股份有限公司新疆分公司启动了2023年“绿色智能家电下乡 海尔便民服务进村进社区”惠享季活动,公司营销总监高秀鹏介绍,活动期间,预计发放17万张消费券,满足各族群众对低碳、绿色、智能、时尚家电的消费升级需求。

在各大家电市场,主打绿色智能的电器五花八门,从几十元的智能温度计,到数千元的扫地机器人、擦窗机器人,再到数万元的整体智能家居,涵盖了衣食住行用众多消费领域,绿色智能家电正在成为家电消费新宠。

为进一步扩大绿色智能家电消费,促进家电产品服务升级和消费扩容,自治区商务厅会同自治区发展改革委等13部门联合印发《新疆维吾尔自治区促进绿色智能家电消费实施方案》,聚焦家电产品消费、售后、回收等全过程各领域,鼓励支持家电企业开展家电下乡、以旧换新、惠民让利活动。

同样,在汽车领域,新能源车受到了越来越多的关注。在刚刚过去的乌鲁木齐“3·15”国际车展上,总计销售车辆16256辆,销售金额24.623亿元,新能源汽车销量亮眼,其间共销售1461辆,创下销量新高。

打造新场景

激发消费新活力

当下,天山南北杏花、梨花次第绽放,吸引了众多游客。

美团数据显示,近两周,新疆景点门票订单量同比增长147%,除新疆本地客源外,还包括广东、北京、河南、四川、浙江等地的客源。

丰富多彩的文化消费开始受到更多关注。潮流文化与传统文化融合,激发消费新活力。

不久前,乌鲁木齐市艺术剧院在美美购物中心为市民献上了一场交响音乐会,让市民近距离感受高雅艺术。3月18日,乌鲁木齐市文化和旅游局(文物局)在全市七区一县同步启动“文旅促消费精彩演艺等你来”系列演出活动,来自乌市各艺术院团的专业演员及各区县文艺团体,深入全市各景区、大型商超等,为市民献上60余场精彩文艺节目。

乌鲁木齐市京剧团党支部书记、乌鲁木齐市文化和旅游局(市文物局)艺术科科长郭永红介绍,这一系列活动是为了改善消费环境,拉动文旅消费全面复苏。

随着消费市场持续回暖,潮玩、露营等新型消费也备受年轻人青睐。

夜幕降临,位于乌鲁木齐市水磨沟区的南湖创造life潮活中心车水马龙。在集娱乐、休闲、餐饮为一体的园区内,“一座难求”成为常态。

该中心运营管理方乌鲁木齐南湖创造体育文化发展有限公司总经理王佳炜介绍,园区平日客流量有三四千人,周末可达五六千人。

线上消费需求持续释放。前两月,新疆实现网络交易额470.6亿元,同比增长16.72%;网络零售额107.27亿元,同比增长18.2%。

美团闪购数据显示,今年3月,新疆美团闪购订单量较去年同期增长近40%,超市便利、鲜花绿植、水果食材类商品最受消费者欢迎,服饰鞋帽、宠物销量增长最快,同比分别增长508%、126%。

何国庆表示,今年我区还将打造促消费平台,加强县域商业体系建设,推动夜间经济集聚区建设,完善消费业态,打造一站式综合性消费平台,积极引进消费新模式、新场景,力促更多消费热点和亮点涌现。 

ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان ئېھتىياج تېزلەشتى، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، جېڭ جو

باھاردا ياڭرىغان گۈلدۈرماما ساداسى بارلىق شەيئىلەرنى ئويغاتتى. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى بارغانسېرى جانلاندى. مەيلى ئۈرۈمچى «15 ـ مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولسۇن، ياكى ھەرقايسى جايلاردا ئەۋج ئالغان چېچەك سەيلىسى قىزغىنلىقى بولسۇن، ھەممىسىدە قىزغىن ئىستېمال كەيپىياتى نامايان بولدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر سىجىل كۈچ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىستېمال بازىرىدا تېز قايتا ئۆرلەش ھالىتى كۆرۈلدى. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 57 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئادەم ئېقىمى ئۈزۈلمىدى

ئىستېمال بازىرى سىجىل جانلاندى

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى سائەت 21دە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا جىنجيې كوچىسىدا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچتىن، بەشتىن توپ بولۇشۇپ پاراڭلاشقاچ ئايلىنىۋاتاتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سودىگەرلەر ئالدىراشچىلىقتا بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەيۋاتاتتى، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى...

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى قاتارلىق سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «2023 ـ يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» «ئەيشاڭ شىنجاڭ، ئىستېمالدىن خۇشال ـ خۇرام بەھرىلىنىش» ئومۇمىي خەلق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئىستېمال بايرىمى ھەم يەرشارىۋى سېتىۋېلىش . باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش مەۋسۇمى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت قوللاش، يېتەكلەش، كارخانىلار باھانى چۈشۈرۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىستېمالچىلار نەپكە ئېرىشىش شەكلى ئارقىلىق، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ تەكشى، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ كۆرۈنەرلىك قويۇپ بېرىلىشى تېخىمۇ كۆپ بازار تىجارەتچىلىرىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسى بازىرى ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازار قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان خەلققە قولاي بازار. ھەر كۈنى كەچ سائەت 8 ـ 9لاردا بازار خېرىدارلار بېسىق ۋاقىتنى كۈتۈۋالىدۇ. «نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەن بىر كۈندە 400 ـ 500 يۈەنلىك سودا قىلالايمەن» دېدى بازاردا سۈرلەنگەن گۆش ساتىدىغان تيەن شو.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 25 مىليارد 867 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان؛ نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان يېمەك ـ ئىچمەك كىرىمى 1 مىليارد 449 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشى، يېمەك ـ ئىچمەك كەسپىدە قوش ئېشىش بولغان.

ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىدىمۇ يارقىن نەتىجىلەر نامايان بولغان. ھەرقايسى جايلار ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى ۋە ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتقان، 2 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا نورمىدىن يۇقىرى ئاپتوموبىل تۈرىدىكى تاۋارلاردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىلىش سوممىسى 4 مىليارد 889 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشقان.

ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسىنى گىرەلەشتۈرۈپ سودىگەرلەرگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كۆپ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، «ھەر ھەپتىدە كۆرۈنۈش بولۇش، ھەر ئايدا پائالىيەت بولۇش، ھەر پەسىلدە باش تېما بولۇش»نى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىل ئىزچىللاشتۇرۇش، تۆت پەسىل داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئېھتىياج ئاشتى

يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېمال تەدرىجىي ياخشى ھالەتكە ئۆتتى

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گۇڭ خۇڭلياڭ ئەتىگەندىلا خوتۇنى بىلەن بىللە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىغا كېلىپ ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللىدى.

«بىز بۇرۇنلا سۇ، توكنى تېخىمۇ تېجەيدىغان ئايلانما سىلىندىرلىق كىرئالغۇدىن بىرنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغانىدۇق، بۇ قېتىم ياردەم تولۇقلىمىسى بېلىتى بار بولغاچقا، خېلى كۆپ پۇلنى تېجەپ قالالايدىغان بولدۇق.» گۇڭ خۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، مەن ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرئالغۇ ئىشلەتكەندە، يان تېلېفون تېرمىنالىدا مەشغۇلاتنى ئالدىن تەڭشەپ قويغىلى بولىدىكەن، ئۆزىمىز ئۆيدە بولمىساقمۇ كىيىملەر پاكىز يۇيۇلۇپ قالىدىكەن.

يېقىندا، خەيئېر جىجيا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 2023 ـ يىللىق «يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش خەيئېر خەلققە قولايلىق مۇلازىمىتىنى كەنت، مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت نەپ يەتكۈزۈشتىن بەھرىلىنىش پەسىللىك پائالىيىتىنى باشلىدى، شىركەتنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى گاۋ شيۇپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پائالىيەت مەزگىلىدە، 170 مىڭ پارچە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشنى مۆلچەرلىدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، مودا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مۆلچەرلەندى.

ھەرقايسى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازارلىرىدا، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ئاساس قىلىنغان ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەر خىل بولۇپ، نەچچە ئون يۈەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمومېتىردىن نەچچە مىڭ يۈەنلىك يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم، دېرىزە سۈرتىدىغان ماشىنا ئادەمگىچە، يەنە نەچچە ئونمىڭ يۈەنلىك پۈتۈن گەۋدىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرىغىچە، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئىستېمال ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىدىكى يېڭى ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلاندى.

يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمال سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 13 تارماق بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، قايتۇرۇپ يىغىۋېلىش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياندىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرىنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇنى قوللىدى.

ئوخشاشلا، ئاپتوموبىل ساھەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئۈرۈمچى «15 ـ مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، جەمئىي 16 مىڭ 256 ئاپتوموبىل سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 2 مىليارد 462 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ جەرياندا جەمئىي 1461 ئاپتوموبىل سېتىلىپ، سېتىلىش مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى.

يېڭى مەنزىرە بەرپا قىلىندى

ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى كەينى ـ كەينىدىن ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

مېيتۇەننىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە، شىنجاڭدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بېلەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %147 ئاشقان، بۇ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ساياھەتچىلەر مەنبەسىدىن باشقا، يەنە گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، خېنەن، سىچۇەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەتچىلەر مەنبەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئىستېمالى تېخىمۇ كۆپ دىققەت ـ ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىدى. مودا ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت تىياتىرخانىسى مېيمېي مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان سىمفونىيە كېچىلىكى تەقدىم قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېسىل سەنئەتنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى. 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پۈتۈن شەھەردىكى يەتتە رايون، بىر ناھىيەدە «مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى سىزنى كۈتمەكتە» يۈرۈشلۈك ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە باشلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن كەسپىي ئارتىسلار ھەم ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئۆمەكلىرى، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە 60 مەيداندىن ئارتۇق ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) سەنئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گو يۇڭخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر.

ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، قانغۇچە ئويناش، دالىدا قونۇش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېماللارمۇ ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

كەچ كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونىغا جايلاشقان نەنخۇ قايناق ھايات يارىتىش پائالىيەت مەركىزى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، يېمەك ـ ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان باغچە رايونىدا «بىرەر ئورۇن تېپىشمۇ تەس بولۇش» دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

بۇ مەركەزنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ ئۈرۈمچى نەنخۇ چۇاڭزاۋ تەنتەربىيە ـ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جياۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: باغچە رايونىدا ئادەتتە ساياھەتچىلەر 3000 ـ 4000غا، ھەپتە ئاخىرىدا 5000 ـ 6000 غا يېتىدۇ.

توردا ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجى سىجىل قويۇپ بېرىلدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭدا تور سودا سوممىسى 47 مىليارد 60 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.72 ئاشتى؛ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 10 مىليارد 727 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشتى.

مېيتۇەننىڭ تېز سېتىۋېلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3 ـ ئايدا، شىنجاڭ مېيتۇەننىڭ تېز سېتىۋېلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشقان، ئۇنىڭدىكى قۇلاي تاللا بازاردا، گۈل ـ گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈك، مېۋە ـ چېۋە، يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ تېز ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم %508 ۋە %126 ئاشقان.

خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ناھىيە سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېچىلىك ئىقتىساد توپلاشقان رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىستېمال سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كۆرۈنۈشىنى پائال كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىزىق نۇقتىسى ۋە يارقىن نۇقتىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

发布时间 :
2023/04/18
责任编辑 :
栏目归属 :
要闻
يوللانغان ۋاقتى:
2023/04/18
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
مۇھىم خەۋەرلەر
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر