新疆重启慕士塔格峰攀登活动

本报乌鲁木齐6月13日讯 石榴云/新疆日报记者王晶晶从新疆登山协会获悉:6月中旬至8月中旬,位于阿克陶县的慕士塔格峰大本营将迎来全国300多位登山队员,暂停两年的慕士塔格峰攀登活动重启。

海拔7546米的慕士塔格峰,虽然海拔高,但是攀登技术难度较低、接近性较好,是登山爱好者们首次尝试7000米山峰的最佳选择,也是向海拔8000米以上高峰发起挑战的必经之路。我国海拔7000米以上山峰攀登审批核准权在中国登山协会,此次参与慕士塔格峰登山探险活动的4支登山队,在年初就完成了审批。

“时隔两年,重启登顶慕士塔格峰,大家非常期待。”新疆凯途高山户外运动有限责任公司负责人罗彪说,作为此次登山活动4支队伍之一,凯途登山队由120名队员组成,将分3批次登顶慕士塔格峰,“队员来自全国各地,初期培训已完成,第一批队员将于6月16日完成集结。”

记者从自治区体育局登山运动服务中心了解到,为保证此次登山活动安全有序进行,中国登山协会派出8人组成的专业救援队,携手新疆登山协会专业救援人员,将共同为此次登山活动保驾护航。登山活动开始前,还将组织各登山队负责人、高山向导、登山队员和后勤保障人员,进行高山垃圾分类处理,并发起环保倡议。

慕士塔格峰大本营所在的阿克陶县也做好了迎接登山队员们的准备。“我们已经组织牧民育肥骆驼,登山队员们到来后,我们就可以开展骆驼运输登山物资、登山垃圾清理下撤、物资配送等工作。”克孜勒苏柯尔克孜自治州登山和登山环保协会会长吴未说,他们已面向牧民开展了户外技能、户外安全教育和户外环保讲座,确保牧民能安全参与登山活动,助力牧民增收。

据了解,在今年的慕士塔格峰登山活动中,自治区体育局将开展多项前期勘察工作,为明年打造慕士塔格峰登山季做准备。明年除了登山活动外,还将举行高原滑雪、青少年研学和海拔4400米的徒步穿越活动。

慕士塔格峰具有较为平缓的坡度、优良的雪质、开阔的视野,在国内外登山滑雪界享有盛名。2015年起,慕士塔格峰攀登人数呈爆发式增长。2018年登山总人数超过300人次,预计明年将升至500人次以上。

شىنجاڭ مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش پائالىيىتىنى قايتىدىن باشلايدۇ​

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭنىڭ شىنجاڭ تاغقا چىقىش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان مۇزتاغ چوققىسى چوڭ لاگېرى مەملىكەت بويىچە تاغقا چىقىش ئەترەتلىرىنىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزاسىنى كۈتۈۋالىدىكەن، ئىككى يىل ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش پائالىيىتى قايتىدىن باشلىنىدىكەن.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7546 مېتىر كېلىدىغان مۇزتاغ چوققىسى گەرچە دېڭىز يۈزىدىن ناھايىتى ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن تاغقا چىقىش تېخنىكىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، يېقىنلىشىش بىرقەدەر ئاسان بولۇپ، تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم 7000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىسىغا چىقىشنى سىناپ بېقىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى، شۇنداقلا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىغا جەڭ ئېلان قىلىشتىكى مۇقەررەر يول. دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىغا چىقىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىدە بولۇپ، بۇ قېتىم مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان تۆت تاغقا چىقىش ئەترىتى يىل بېشىدىلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تاماملىغان.

«ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش قايتا باشلاندى، كۆپچىلىك ناھايىتى تەقەززا بولدى.» شىنجاڭ كەيتۇ ئېگىز تاغ دالا ھەرىكىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لو بياۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تاغقا چىقىش پائالىيىتىدىكى تۆت ئەترەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەيتۇ تاغقا چىقىش ئەترىتى 120 ئەزادىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىدۇ، «ئەترەت ئەزالىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيەلەش تاماملاندى، 1 - تۈركۈمدىكى ئەترەت ئەزالىرى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يىغىلىپ بولىدۇ».

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتى مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تاغقا چىقىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى سەككىز كىشىدىن تەركىب تاپقان كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ئەۋەتىپ، شىنجاڭ تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بۇ قېتىمقى تاغقا چىقىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايدىكەن. تاغقا چىقىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى يەنە ھەرقايسى تاغقا چىقىش ئەترەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئېگىز تاغ يول باشلىغۇچىلىرى، تاغقا چىقىش ئەترىتى ئەزالىرى ۋە ئارقا سەپ كاپالەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئېگىز تاغدىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن ھەمدە مۇھىت قوغداش تەشەببۇسى ئېلان قىلىدىكەن.

مۇزتاغ چوققىسى چوڭ لاگېرى تۇرۇشلۇق ئاقتۇ ناھىيەسىمۇ تاغقا چىقىش ئەترىتى ئەزالىرىنى كۈتۈۋېلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى. «بىز چارۋىچىلارنى تۆگە بورداشقا تەشكىللىدۇق، تاغقا چىقىش ئەترىتى ئەزالىرى كەلگەندىن كېيىن، بىز تۆگە بىلەن تاغقا چىقىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تاغقا چىقىش ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ قايتۇرۇپ چۈشۈش، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تاغقا چىقىش ۋە تاغقا چىقىش بويىچە مۇھىت قوغداش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز چارۋىچىلارغا قارىتا دالا ماھارىتى، دالا بىخەتەرلىكى تەربىيەسى ۋە دالا مۇھىت قوغداش لېكسىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، چارۋىچىلارنىڭ تاغقا چىقىش پائالىيىتىگە بىخەتەر قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى كۆپ تۈرلۈك ئالدىنقى قارارلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېلەر يىلقى مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىش پەسلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىكەن. كېلەر يىلى تاغقا چىقىش پائالىيىتىدىن باشقا يەنە ئېگىزلىكتە قار تېيىلىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات - ئۆگىنىش ۋە دېڭىز يۈزىدىن 4400 مېتىر ئېگىزلىكتە پىيادە كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مۇزتاغ چوققىسى بىرقەدەر تەكشى يانتۇلۇققا ئىگە، قار سۈپىتى ياخشى، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاغقا چىقىش، قار تېيىلىش ساھەسىدە داڭقى بار. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، مۇزتاغ چوققىسىغا چىققۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشتى. 2018 - يىلى تاغقا چىققۇچىلار ئومۇمىي سانى 300 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، كېلەر يىلى 500 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

发布时间 :
2022/07/07
责任编辑 :
栏目归属 :
要闻
يوللانغان ۋاقتى:
2022/07/07
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
مۇھىم خەۋەرلەر
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر