□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ
«ئالدىغىراق ئېڭىشىڭ، بەدىنىڭىز يانتۇ بولۇپ قالمىسۇن، پۇتىڭىزنىڭ قىياپىتىگە دىققەت قىلىڭ...» يېقىندا، قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر مەيدان چاقلىق كانكى تېيىلىش دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى.
سۈنئىي چىملىقتا، چاقلىق كانكى ئايىغى كىيگەن كىچىك ئەترەت ئەزالىرى تېيىلىش ھەرىكىتى ئىشلەۋاتاتتى، تىرېنېر لى خۇڭلى بىر چەتتە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.
2021 - يىلى 12 - ئايدا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدە كىرگۈزۈلگەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش تىرېنېرى لى خۇڭلى ئالتايغا كەلدى.
«لى مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە، بالىلارنىڭ مۇز تېيىلىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، يىل بېشىدا قاتناشقان تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى» دېدى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە خىزمىتى مەشىق ئەترىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تىرېنېرى قۇماش قۇلىستان.
ھازىر، لى خۇڭلىغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر قار - مۇز ئىختىساسلىقلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىمەكتە.
مەۋقەنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ھەم ساياھەت ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قويۇپ، 2019 - يىلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جىلىننىڭ شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىشى بويىچە «كىچىك ئۆمەك »نى ئىجادىي تەشكىللىدى.
«بىز <N+3+3> ئەندىزىسى بويىچە، ساياھەت خىزمىتىگە پىششىق ئۈچ نەپەر پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى، ئۈچ نەپەر كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جىجى سوغۇق رايون ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ئەندىزىسى ۋە يېڭى باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ تىرىكى ۋە مەبلەغ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە «كىچىك ئۆمەك» مەسئۇلى ياۋ تاۋ.
ياۋ تاۋنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش»نىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئۆمەك تەشكىللەش»دېگەن ئىككى سۆزدە بولۇپ، «2<1+1»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر ئىكەن.
ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: جىجى سوغۇق رايون ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ساياھەتچىلىك بويىچە «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، 30دىن ئارتۇق داشۆ پىروفېسسورى ۋە ساياھەتچىلىكتىكى داڭلىق كارخانا باشقۇرغۇچىنى تەكلىپ قىلدى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، ئۇلار ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالتاينىڭ قار - مۇز زور بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، قار - مۇز زور مەدەنىيىتىنى قېزىپ، قار - مۇزنى زور كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات لايىھەسى» «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى ئالتاي. دۇنيادىكى پاك تۇپراق قاناس قىشلىق قارلىق دالا IP مۇسابىقىسىنى ئېچىش، يېتىشتۈرۈش − ئالتاي قىشلىق قار - مۇز تەنتەربىيە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قىيا تاش رەسىملىرىدىكى تارىخ، ئادىمىيەت ئۇچۇرلىرىنى قېزىش تەتقىقاتى»دىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات تېمىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
«<كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش>تە ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانى چۆرىدىلىپ، قار - مۇز ھەرىكىتى، ساياھەت مۇلازىمىتى، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلار، ھەرقايسى مۇھىم ئامىللاردا ئىختىساسلىقلار كەمتۈك بولۇش ئەھۋالى چىڭ كۆزلىنىپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، كەسپىي قۇرۇلۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سالمىقى زورايتىلدى.» ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك ساياھەت كەسىپكارلىرىدىن جەمئىي 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلىدۇق؛ 3 مىليون 530 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «تىرىشىپ 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيسى بولۇش بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىدىن 600 نەچچە ئادەم قېتىمنى تەربىيەلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 16 كىشى بېيجىڭغا بېرىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىي بولۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى دىققەتنى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، 18 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى تۆت پەسىللىك سۈنئىي قار قار تېيىلىش مەيدانىنى قۇردى؛ قىيا تاش رەسىملىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش تۈرى مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ چەت ئەل مەبلىغىدىن 30 مىليون يۈەننى ماسلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى ۋە مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ جەمئىي 15 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، «جىتەي ناملىق» ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلان (ھۆددە ئايروپىلان) تۈرىنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويدى.
ساياھەتچىلىك بويىچە «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» ۋە يەرلىكتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى 2021 - يىلى 11 - ئايدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى؛ 2022 - يىلى 4 - ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ» دېگەن نام بېرىلدى. ساياھەت «كىچىك ئۆمەك»ى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ۋە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ «13 - بەش يىل»غا تۆھپە قوشۇش باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز كەسپىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى.
«كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش <كىچىك ئۆمەك>ى شىنجاڭغا تۈر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ» دېدى ياۋ تاۋ.