□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
«7 ـ ئايدا، بىزنىڭ بۇ يەردە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، جەزمەن قىزىپ كېتىدۇ. مەن ئۆزۈملا 100دىن ئارتۇق ئەسەر تەييارلىدىم، سىلەرنىڭ يەنە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.» قېلىپتا گۈل بېسىش تۈرىنىڭ تۇرپاننىڭ شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى پەرىدە مەمەت ساياھەتچىلەرنى يىپەك ياغلىققا گۈل بېسىشقا يېتەكلىگەچ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇلارنى تەكلىپ قىلدى. پەرىدە تۇرۇشلۇق تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئۈلگە مىسالى بولۇپ تاللانغانىدى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇقەررەر نەتىجىسى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرما ماركىسىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ تونۇتتى.
مەدەنىيەتنى ساياھەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش
شادىيانە مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر قىزغىنلىق بىلەن جۇشقۇن ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسىدىكى ئۈستى ئوچۇق ئويۇن قويۇش مەيدانىدا، مەشرەپنى ھەمتۈرتكىلىك ئۆگىتىش ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغان پائالىيەت. ئۆي ئىچىدىن سىرتىغىچە، تەسىرات كوچىسىدىكى ئاشخانا، مەيخانىدىن قەھۋەخانىلارغىچە، ئاندىن كىچىك تىپلىق ئالتە ئۆي ئىچى سەھنىسىگىچە، قويۇلىدىغان ئويۇنلار ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ يەر مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون. «مەدەنىيەت ئويۇنلىرى + ساياھەت» نۆۋەتتىكى ئەڭ قىزغىن بولغان مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرما مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى، مەنزىرە رايونىدىكى سەھنىدە كىچىك كۆلەملىك ئويۇن قويۇلغاندىن باشقا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۆپ جايلارنىڭ ھەممىسىدە چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇنلار بار، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» «شەرققە قايتىش تەسىراتى» «كېچىدىكى كىروران» قاتارلىق ئويۇنلار نۇرغۇن ساياھەتچى جەزمەن تاللاپ كۆرىدىغان تۈرگە ئايلاندى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاددىي بىرىكتۈرۈلۈشى ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ئويۇنىدىن باشقا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي، قەدىمىي يول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى <ساياھەت+>نىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭمەكتە».
6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل يېزىسى بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى+تەتقىقات ـ ئۆگىنىش»كە كەلگەن كىچىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ جاينىڭ ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، «جۇڭگو خەلق ئىچى مەدەنىيەت ـ سەنئەت يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامى بار، بۇ جايدا بالىلار يېقىن ئارىلىقتا قەدىمكى تېرە چاڭغا ياساش قول ھۈنىرى ۋە 60 نەچچە خىل چاي سەنئىتىنى ھېس قىلالايدۇ.
تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدىن «ئۆتۈپ» ساياھەت قىلىش بۇ يىل قەدىمىي يولدىكى يېڭىچە سەيلە ـ ساياھەت قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەنلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئۇيسۇن قەدىمىي يولى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان يىپەك يولىدىكى ئون قەدىمىي يول ساياھەت لىنىيەسىنىڭ بىرى. «ساياھەت+ مەدەنىيەت+تارىخ» شەكلى ئارقىلىق، قەدىمىي يول ساياھىتى شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.
مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا ساياھەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىنى سەپەر ۋە ساياھەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش بىر خىل مودىغا ئايلانماقتا. شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ رايون مەمۇرىي ئىشلىرى باش دىرېكتورى سۈن ۋېيلى مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى توردا ئىزدەش مىقدارى ھەم ساياھەت بازىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۈرىدىكى پائالىيەتلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي سورۇنلىرىغا قاتنىشىش ۋە تاللاش نىسبىتى يىلدىن ـ يىلغا ئېشىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ موللۇقى ساياھەتچىلەرنىڭ قايتا سېتىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.
«ئايلاندۇرۇش» ئىشىنى ياخشى قىلىش
«تەبىئىي بايلىق ۋە ئادىمىيەت بايلىقىنى ياخشى ئىشلىتىش، مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەدەنىيەتنىڭ <ئايلاندۇرۇش> ئىشىنى ياخشى قىلىش بۇ يىل مەنزىرە رايونىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت.» نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چې خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونىنىڭ دائىملاشقان مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرىدىن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇنى، گۈلخان كېچىلىكى، توي مەرىكىسى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇنلىرى قاتارلىقلار بار، ئۇيسۇن گازارمىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، «ناراتنى قوغداش» كۆرۈنۈشلۈك تىياتىرى قاتارلىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىدۇ.
توقسۇ ناھىيەسى تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى (تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارىمىقىدىكى ھەربىي مۇھىم بازار) قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىغا تايىنىپ، تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى ۋە خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسىنى قۇردى. بۇ جاي قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارىخىي ھېكايىلىرىگە تايىنىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىرنى ئىجاد قىلىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ناھايىتى تېزلا ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى»دىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر ئورۇنلىدى ھەم بۇيلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، ئۈزۈم كارىدورى، كارىز قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەتقىقات ـ ئۆگىنىش، ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلار پائالىيىتى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى قانات يايدۇردى. پەرىدە يەنە تۇرپان مۇزېيى ساياھەت ـ مەدەنىيەت ئىجادىيەت خاس كوچىسىدا خىزمەت ئىشخانىسى قۇردى.
شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال يېتىشتۈردى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى ۋە جايلاردىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت سېلىنما گۇرۇھلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت ماركىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ماكانلاشتى، خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازارلىرى جايلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى، بۇنداق يۇغۇرۇلۇشتا سول قولدا مەدەنىيەت، ئوڭ قولدا مەنزىرە رايونى بولۇشى كېرەك.» شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ خۇڭجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2021 ـ يىلى بۇ گۇرۇھ 19 تۈرنى ئالغا سىلجىتىپ، 693 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرىنى قۇردى. بۇ گۇرۇھ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش، مەنزىرە رايونىنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ماركىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
گىرەلەشمە ئەۋزەللىككە تايىنىپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش
«بىز مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بېرىمىز. نۆۋەتتە، بىز چوڭ تىپتىكى سەھنە تىياتىرىنى پىلانلاۋاتىمىز، مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىل كۈزدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدۇ» دېدى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياقۇپ قادىر.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەت ـ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مو خەيبو مۇنداق بىلدۈردى: مەنزىرە رايونى ھازىر بىر قىسىم ھەيكەللەرنى ياساۋاتىدۇ، تۆمۈرچىلىك، كۇلالچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەر سەنئىتىنى ھەيكەل شەكلىدە ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سەنئەت بۇيۇملىرىنى مەنزىرە رايونىغا سىڭدۈرىدۇ.
توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خۇ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىمىز تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە ئىشلەش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، كەلگۈسىدە <ھېكايە تىپى>دىكى VRھېس قىلىش سارىيى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى سەيلە ـ ساياھەت قىلىش جەريانىدا ھېكايىنى چۈشىنىش، تارىخقا چۆكۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز».
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يىپەك يولى ئۆتەڭ ئۆلچىمىنى تۈزۈۋاتىدۇ، مەدەنىيەتنى قېزىش ئارقىلىق ساياھەتكە كۈچ قوشىدۇ ھەم مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى سىجىل قازىدۇ.
تاڭ ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ساياھەت تەرەققىياتى، خاس تىجارەت، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، كەسىپ شەكلىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، <مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش>تا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، گىرەلەشمە ئەۋزەللىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك».