تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ جاڭ شياۋ ياۋ گاڭ ئابىباي
ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا:ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدىكى كۈنگەي كەسىپكە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپكە، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق ـ مۇقىم، ئىناق ـ بەختلىك، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان چولپان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئېلىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى:يىغىن يىغىلىش سىگنالى، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم تۆھپە قوشىمىز.
شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى ( نۇقتىسى ) جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى لېي مۇنداق دېدى:ساياھەت ئۇنىۋېرسال كەسىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، پۇقرالارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە كۈنگەي كەسىپ.شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا بولغان ئىشەنچى كامىل، بىز ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مول، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەت بازىرىنى گۈللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ» دېگەن كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى نامايان قىلىمىز.