شىنجاڭ غۇلجا شەھىرى تىلغا ئېلىنسا
كۆپ ساندىكى كىشىلەر دەرھال
ئالتە شوئار كوچىسى، قازانچى ... نى ئەسكە ئالىدۇ
لېكىن داكا قىلغاندا
لىنىيەنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە يەنىلا ئازراق كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ
بۇ يىل، غۇلجا شەھىرى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئاممىۋى قاتناش ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە ئالتە شوئار كوچىسى مەنزىرە رايونىدىن يولغا چىقىپ، ئىلى كونا شەھەر قازانچى مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى، ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونى، خەلق باغچىسى، خۇاچېڭ سودا سارىيى قاتارلىق بېكەتلەردىن ئۆتۈپ ھالقىسىمان قاتنايدۇ، پۈتۈن مۇساپىسى تەخمىنەن 17 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ لىنىيە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەززىلىك تائاملار كوچىسى ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان بولۇپ، ھازىر كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارى 1200 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
غۇلجا شەھىرى خۇاچېڭ ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىۋى قاتناش ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىدىكى ئاپتوموبىللار دەسلەپكى ئىككىدىن سەككىزگە كۆپەيتىلگەن، تىجارەت ۋاقتىمۇ ئەسلىدىكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دىن كېچە سائەت 23كىچە بولۇشتىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 2گىچە ئۇزارتىلغان. لىنىيەدە ئايلانما يولغا چىقىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان، بېلەت باھاسى بەش يۈەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن شۇ كۈنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدىكەن، مۇساپىنى ئەركىن پىلانلاپ، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان بېكەتتە چۈشۈپ، غۇلجىنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلسا بولىدىكەن.