ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ) «دۆلەت ئىچىدە مۇسابىقىلىشىش، ئوتتۇرا ئاسىيادا ساياھەت قىلىش» 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىپ يىپەك يولىدا جەم بولۇش مۇسابىقىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دوستلۇق سەپىرى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق دالا مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارى بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقە ۋە چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپە 3000 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ.

ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان تىيانشان تۆمۈر چوققىسى چوڭ جىلغىسى. ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت
جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىپ يىپەك يولىدا جەم بولۇش مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل-موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى كۇلۇبى(چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى) 2024-يىلى بارلىققا كەلتۈرگەن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسابىقىسى بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرى. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى، ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت ھەۋەسكارلىرى، ساياھەت ۋىيبوچىلىرى قاتارلىقلار خەلقئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى شەكلىدە «مۇسابىقە»نى «ساياھەت»نىڭ ئورنىغا قويۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئادىمىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان 10 مىڭ مو جىغانلىق. ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ قېتىمقى جەم بولۇش مۇسابىقىسىنىڭ دۆلەت ئىچى مۇسابىقە بۆلىكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئونسۇ، كەلپىن ۋە ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە 750 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مۇسابىقە مۇساپىسى تىيانشان تۆمۈر چوققىسى چوڭ جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بولۇتلار ئوراپ تۇرغان يايلاقتىن كەڭ كەتكەن جىغانلىققىچە، ئاپتوموبىل ئەترىتى يەنە جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسىم كەسپىي مۇسابىقە بۆلەكلىرىنى ھېس قىلىدۇ. ئارقىدىن ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بەدەل پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل بويىغا بېرىپ، چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش ھالقىسىنى باشلاپ، ئىسسىق كۆلنى ئايلانغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا بىشكەك شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.

قىرغىزىستان ئىسسىقكۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت
جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش يىپەك يولىدا جەم بولۇش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى لۇ يافېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر يىپەك يولىدا جەم بولۇش مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئۆتۈپ، كەڭ دالا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى دالا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن قوشۇنغا قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىدى. بۇ مۇسابىقە پائالىيىتى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ ماركا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپلا قالماي، بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى دۆلەت بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ بىرلىكتە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.

ئەيپاۋ · 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى لاگېرى. ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئەيپاۋ · 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئومۇمىي مۇساپە تەخمىنەن 5183 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا، سېيشېل، چېخ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 233 ئاپتوموبىل ماھىرى، 128 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. ئاپتوموبىل ماھىرلىرىنىڭ قايناق ھېسسىياتى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى. مۇسابىقە مەزگىلىدە، شۇ جايلاردا 60 نەچچە مەيدان يانداش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، 4 مىليون 110 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى جەلپ قىلىندى، 2 مىليارد 940 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى. مۇسابىقىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار 30دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 1000دىن ئارتۇق تاراتقۇنى خەۋەر قىلىشقا جەلپ قىلدى، دۆلەت ئىچىدە پۈتۈن توردا كۆرسىتىلىش مىقدارى 10 مىلياردتىن ئاشتى، مەملىكەت سىرتىدىكى تارقىلىش مىقدارى 770 مىليونغا يەتتى، چەت ئەلدە قاپلىغان يوشۇرۇن كۆرۈرمەن سانى 1 مىليارد ئادەم قېتىمغا يەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى