8月31日
迷你剧《我的阿勒泰》
在中央广播电视总台综合频道
再度与观众见面
播出仅一集
便冲上剧集排名收视榜第二名
这部脱胎于李娟散文的剧集,没有刻意追求戏剧冲突的密集,而是以阿勒泰草原的广袤天地为舞台,把牧民们日出而作、日落而息的平凡生活娓娓道来。
欢网大数据显示,8月31日,CCTV-1《我的阿勒泰》排名全网收视榜第二名。
此次《我的阿勒泰》在中央广播电视总台综合频道重播,首日便取得优异成绩,足见观众对其喜爱之深。不少观众表示,再次观看这部剧,依旧被阿勒泰的壮美风光和真挚情感所打动。
8月31日
迷你剧《我的阿勒泰》
在中央广播电视总台综合频道
再度与观众见面
播出仅一集
便冲上剧集排名收视榜第二名
这部脱胎于李娟散文的剧集,没有刻意追求戏剧冲突的密集,而是以阿勒泰草原的广袤天地为舞台,把牧民们日出而作、日落而息的平凡生活娓娓道来。
欢网大数据显示,8月31日,CCTV-1《我的阿勒泰》排名全网收视榜第二名。
此次《我的阿勒泰》在中央广播电视总台综合频道重播,首日便取得优异成绩,足见观众对其喜爱之深。不少观众表示,再次观看这部剧,依旧被阿勒泰的壮美风光和真挚情感所打动。
8-ئاينىڭ 31-كۈنى
مىكرو تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم»
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا
يەنە بىر قېتىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى
پەقەت بىر قىسىم قويۇلۇش بىلەنلا
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش تىزىملىكى رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇنغا ئۆتتى
لى جۈەننىڭ نەسرلىرىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تىياتىر توقۇنۇشىنىڭ زىچلىقىغا ئاتايىن باش قاتۇرۇلمىغان، بەلكى ئالتاي يايلىقىنىڭ بىپايان تۇپرىقى سەھنە قىلىنىپ، چارۋىچىلارنىڭ كۈن چىققاندا ئىشىغا كىرىشىپ، كۈن پاتقاندا ئارام ئېلىشتەك ئاددىي تۇرمۇشى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
2024-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قويۇلغاندا، «مېنىڭ ئالتىيىم» ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. كۆرۈش نىسبىتى جەھەتتە ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، تۇنجى قويۇلۇش قىسمى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %1.9578كە يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىت بۆلىكىدىكى كۆرۈلۈشى 1-ئورۇندا تۇردى، دوۋبەندە بېرىلگەن باھا نومۇرى بىر مەھەل 8.9 نومۇرغا يېتىپ، 2024-يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە دوۋبەندە بېرىلگەن باھا نومۇرى بىرىنچى بولغان تېلېۋزىيە تىياتىرىغا ئايلاندى.
خۇەنۋاڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىىڭ 31-كۈنى CCTV-1 قانىلىدا «مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ پۈتۈن تور بويىچە كۆرۈلۈش رەت تەرتىپى 2-ئورۇندا تۇرغان.
بۇ قېتىم «مېنىڭ ئالتىيىم» مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا قايتا قويۇلۇپ، تۇنجى كۈنىلا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنىڭدىن تاماشىبىنلارنىڭ بۇ تېلېۋېزىيە تىياتىرىنى بەكمۇ ياقتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن تاماشىبىن مۇنداق دېدى: بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ، يەنىلا ئالتاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ۋە سەمىمىي ھېس-تۇيغۇلاردىن تەسىرلەندىم.
«مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىلىشى «ئالتاي» دېگەن بۇ ئىسىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتۇپلا قالماي، يەنە بۇ جايغا بولغان ساياھەت قىزغىنلىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى قايتا قويۇلۇش تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان بۇ تۇپراققا قارىتىش بىلەن بىللە، كىنو-تېلېۋىزىيە بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
مەنبەسى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، «مېنىڭ ئالتىيىم»
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى