«بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى «بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان، پەسىل ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، كۈن پېتىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلگەچكە، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش بىخەتەرلىكى ۋە تەسىراتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى تەڭشەيدىكەن. تور سىرتىدا ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتى سائەت 9:00دىن 18:30غىچە؛ توردا شۇ كۈنلۈك بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى شۇ كۈنى سائەت 18:00دىن بۇرۇن بولىدىكەن. ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى بېلەت سېتىش ۋاقتى بويىچە بېلەت سېتىۋېلىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىشىنى سورايمىز.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى