以旅为媒 促进各民族交往交流交融

石榴云/新疆日报记者 张云梅

“近年来,在党中央的亲切关怀下,在各援疆省市的大力支持下,新疆各项事业快速发展,特别是旅游业,去年全区接待游客2.65亿人次,创历史新高。”2月22日,全国政协委员、新疆舞蹈家协会主席迪丽娜尔·阿布拉说,这进一步促进了各民族交往交流交融。

迪丽娜尔·阿布拉认为,旅游业是满足人民美好生活需要、促进各民族交往交流交融的重要载体,在服务经济社会发展、满足各族人民旅游需求、增强人民精神力量、铸牢中华民族共同体意识等方面发挥着重要作用。

在去年召开的全国政协十四届一次会议上,她提交了“关于发展旅游业促进各民族交往交流交融的提案”。

文化和旅游部对提案高度重视,在与国家民委协商后,迅速给予答复。

答复中说,2022年6月,文化和旅游部、国家民委、国家发展改革委联合印发《关于实施旅游促进各民族交往交流交融计划的意见》(以下简称《意见》),提出到2025年,努力实现民族地区旅游优质供给更加丰富,旅游业高质量发展水平明显提升,旅游人次大幅增长,旅游基础设施明显改善,各民族交往交流交融更加广泛深入。

《意见》在实施过程中,不断强化理论研究研讨,加强典型示范引领。2022年,文化和旅游部委托中国社科院以新疆为例,开展了旅游促进各民族交往交流交融的路径课题研究,为各地推动旅游促进各民族交往交流交融工作提供参考。2023年,文化和旅游部继续开展此项工作,不断挖掘整理新疆以旅游促进各民族交往交流交融典型案例。

国家有关部委对新疆工作的高度重视和肯定让迪丽娜尔·阿布拉感到很温暖,答复中提出的下一步工作举措也令她倍感振奋。

文化和旅游部在答复中表示,将进一步加大工作力度,联合国家民委、国家发展改革委等部门,指导地方推进实施好旅游促进各民族交往交流交融计划,以旅游业高质量发展助力铸牢中华民族共同体意识。

其中包括召开旅游促进各民族交往交流交融计划现场推进会,交流各地经验做法,指导各地挖掘地方特色资源,不断丰富旅游产品、打造精品线路;设计和打造体现铸牢中华民族共同体意识的旅游线路,并向社会发布,吸引广大群众到民族地区旅游,鼓励民族地区群众走出去旅游,在旅游活动中深入交流,不断铸牢中华民族共同体意识;国家民委会同国家文物局将发布铸牢中华民族共同体意识主题博物馆名单,发挥博物馆以物证史、以史育人的作用,引导各族群众树立正确的中华民族历史观;国家民委计划开展少数民族特色村寨旅游提升工程,深入挖掘少数民族特色村寨文化和旅游资源,推动民族村寨发展旅游,服务乡村振兴战略。

“新疆是个好地方,在国家大力支持下,新疆一定会发展得越来越好。”迪丽娜尔·阿布拉说,欢迎更多的国内外游客来新疆,亲眼看看新疆的发展以及新疆各族人民的美好生活。

ساياھەتنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىك كەسپىدە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.» 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: بۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

دىلنار ئابلا مۇنداق قارىدى: ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

بۇلتۇر ئېچىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 ـ يىغىنىدا، ئۇ «ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇندى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەكلىپكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، تېزدىن جاۋاب قايتۇردى.

جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: 2022 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ «ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، پىكىردە، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، مىللەتلەر رايونلىرىدا ساياھەت ئەلا سۈپەتلىك تەمىناتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەر ئادەم قېتىم سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر»نى يولغا قويۇش جەريانىدا، نەزەرىيە جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، تىپلار ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش كۈچەيتىلدى. 2022ـ يىلى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭنى مىسال قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولى توغرىسىدىكى تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. 2023 ـ يىلى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە دائىر تىپىك مىساللارنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ رەتلىدى.

دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى دىلنار ئابلانىڭ قەلبىنى ئىنتايىن ئىللىتتى، قايتۇرغان جاۋابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت تەدبىرلىرىمۇ ئۇنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قايتۇرغان جاۋابىدا، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، جايلارنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىك خاس بايلىقلارنى قېزىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ، نادىر لىنىيە بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى نامايان قىلىدىغان ساياھەت لىنىيەسىنى لايىھەلەش ۋە بەرپا قىلىش، ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، كەڭ ئاممىنى مىللەتلەر رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىش، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاممىنى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ، ساياھەت پائالىيىتى داۋامىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى باش تېمىسىدىكى مۇزېي تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇزېينىڭ يادىكارلىقلار ئارقىلىق تارىخنى ئىسپاتلاش، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى توغرا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنت ساياھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنت مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مىللەتلەر كەنتىنىڭ ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.» دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

发布时间 :
2024/04/09
责任编辑 :
栏目归属 :
要闻
يوللانغان ۋاقتى:
2024/04/09
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
مۇھىم خەۋەرلەر
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر