ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق جۇڭگو قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات مۇنبىرىدە، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى «جۇڭگو قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىيات دوكلاتى(2024)»نى ئېلان قىلدى، ئالتاي «2024-يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئون ياخشى شەھەر» بولۇپ تاللىنىپ، خاربىن شەھىرى، جاڭجياكوۋ شەھىرى بىلەن ئۈچ A دەرىجىلىك ئورۇندا تۇردى.
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار-مۇز بايلىقى مول بولۇپ، قار مىقدارى كۆپ، قار مەزگىلى ئۇزۇن، قارلىق دائىرىسى كەڭ، مۇز قاتلىمى قېلىن، قار تېيىلىش تېمپېراتۇرىسى راھەت بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي، بۇرچىن ناھىيەسى جىكبېلېڭ قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت بويىچە قار-مۇز ساياھەتچىلىكىدىكى ئون ياخشى شەھەر بولۇپ تاللانغان، ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپى تېخىمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ.
جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى
ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دىلدار نەبى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قار-مۇز ساياھىتى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار ھاسىل قىلىش تۇرۇبا تورى ۋە ئېلېكتىر سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىدۇق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئون قار تېيىلىش يولى، سەكرەش سۇپىسى توپى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، زەپەر يولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق؛ كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى قار سايمانلىرى زالى، فاڭخۇا ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئىككى ئالىي دەرىجىلىك قار يولى، 9-نومۇرلۇق ئارقان يولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدۇق؛ جىكبېلېڭ قار يولى، ئارقان يولى ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق قار سايمانلىرى زالى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدۇق. ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ قار تېيىلىپ دەم ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، جىلىن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى 12 ۋەكىللەر كوماندىسى، رۇسىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ چەت ئەل ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 200دىن ئارتۇق قار-مۇز ماھىرى، 1-نۆۋەتلىك «قار-مۇز يىپەك يولى جۇڭگو قار يۇرتى» ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىلىشىدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ. «بۇ يىل شىنجاڭ يەنە 2023-2024 جىلىن . خەلقئارا ئېگىز تاغدا يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالتاي شۆبە بېكەت مۇسابىقىسى(3-بېكەت)، جۇڭگو ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسى(4-بېكەت) قاتارلىق بىر قاتار قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قار-مۇز بايلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن شياۋشيا.