− 17 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2023 ـ يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىغا نەزەر
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار جەم بولدى، تەرەپ ـ تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار يىغىلدى. 12ـئاينىڭ 22 ـكۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 4ـ، 5ـ، 6ـ نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيىدا ناخشا ـ ئۇسسۇللار ئورۇنلىنىۋاتقان بولۇپ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى − 17ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2023 ـ يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى بۇ يەردە باشلاندى. خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى، دۇنيا ساياھەت ئىتتىپاقى، جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى قاتارلىق ساھە تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەنلەر، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق نۇقتىلىق قار ـ مۇز دۆلەتلىرىدىكى ساياھەت تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى شى، شەھەرلەر قاتارلىقلار بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە تولۇق قاتنىشىپ، بىر مەيدان «خەلقئارا سەۋىيە، قار ـ مۇز خاسلىقى»غا ئىگە كۆرگەزمە كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدى.
قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگو قار ـ مۇز كەسپىدىكى كۆزنەك، بۇ يەردە، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك تولۇق نامايان قىلىنىدۇ. قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ ھەر يىللىق قار ـ مۇز ساياھىتى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ «بۇيرۇق تاپانچىسى» بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاكى كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى، قار ـ مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرى تەدرىجىي يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش، دەرىجىسى ئۆسۈش قەدىمى مەزمۇت تاشلىنىدۇ.
قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
ئەسلىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئاسما يولىدا ئۇياقتن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاسما ۋاگونلار بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا پەيدا بولدى. بوما جياشىچى (بېيجىڭ) ئاسما يول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپلا «قالتىس كارامىتىنى كۆرسەتتى». بىر قېتىمدا سەككىز ئادەم ئولتۇرغىلى بولىدىغان ئاسما ۋاگون بۇ شىركەتنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى مەركىزىگە قويۇلغانىدى، بۇ پەقەت مەھسۇلاتنى كۆرگەزمە قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى خاسلىققا ئىگە كېڭىشىش «ئايرىمخانىسى» بولدى. «شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى بار، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ، شۇڭا بىز كەلدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ بازار مەسئۇلى لى جىڭ.
بۇ شىركەتكە ئوخشاش، شىنجاڭغا ئۈمىد باغلىغان، شىنجاڭدا ئالتۇن قېزىشنى ئويلاۋاتقان دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىلار يەنە ناھايىتى كۆپ. ئىتالىيە تيەنبىڭ گۇرۇھى، بېيجىڭ يۈك كۆتۈرۈش ـ توشۇش ماشىنىلىرىنى لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى، سەنخې دوبېيمايا توشۇش سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى داڭلىق قار ـ مۇز كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مول تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلارنى قوشتى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرگەزمە كۆلىمى 44 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زال ئىچى كۆرگەزمە كۆلىمى 24 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، رەڭدار قار ـ مۇز سارىيى (قار ـ مۇز مەدەنىيەت سارىيى)، قالتىس قار ـ مۇز سارىيى (جابدۇق سارىيى)، ئىجادىيەت قار ـ مۇز سارىيى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى سارىيى)، ئارزۇ قار ـ مۇز سارىيى (قار ـ مۇز جيانيەنخۇا سارىيى) قاتارلىق تۆت چوڭ كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان؛ زال سىرتى كۆرگەزمە رايونى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇز ئويما، قار ئويما كۆرگەزمە رايونى، قار ـ مۇز شادلىق باغچىسى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىش رايونى، مۇز چىراغ كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قار ـ مۇز تەنتەربىيە جابدۇقلىرى ۋە كىيىم ـ كېچەكلىرى، قار تازىلاش، قار ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، دالا جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق ماركا بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدا بازار ئىزدەش بىلەن بىللە، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە قىلىدۇ.
تەرەپ ـ تەرەپتىكى مېھمانلار، دوستلار «شىنجاڭ»نى دەپ كەلدى
«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، مەن بەك ھەيران قالدىم، كۆپرەك جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېدى كۆرگەزمىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ساياھەت مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەسۇل ئابدۇخەلىلوف. ئۇ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە كېلىپلا شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەللىك سودىگەرلەر كۆپەيدى. ئاۋسترىيە، ئىتالىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە قاتارلىق قار ـ مۇز كەسپىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر دۇنياغا داڭلىق زور بىر تۈركۈم قار ـ مۇز ماركىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمە قىلدى؛ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شىنجاڭدا تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش مەقسىتىدە، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزلىرىنىڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى.
«نۆۋەتتە، شىنجاڭ قار ـ مۇز كەسپى ۋە قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى گۈلى ئابلىم مۇنداق دېدى: 2006ـ يىلى تەسىس قىلىنغان قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن تۇتىشىشى، باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى. 17ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن باغرى ۋە ئېچىۋېتىش قەدىمى بىلەن تەرەپ ـ تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلارنى كۈتۈۋېلىپ، تەرەققىيات كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
«بىز بۇ قېتىمقى شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ بىلەن خېبېينىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىشلىق ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات زور پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، قار ـ مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز» دېدى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جىن خۇي. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە خېبېي، جىلىندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى، بۇ ئىككى ئۆلكە جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز كەسپىدىكى چوڭ ئۆلكە بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز كەسپى كەلگۈسىگە يۈزلەندى
داپ شوخ رىتىمدا چېلىندى، لەرزان قالۇن ساداسى ياڭرىدى ... قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا، «دولان مەشرىپى» ئويۇنى باشلىنىشى بىلەنلا، ئەتراپ تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى.
دولان دېھقانلار رەسىمى، ياغاچ ئويما، مىس بۇيۇملار، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە جازىسىغا لىق تىزىلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە «قەشقەرگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. «بىز قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە 57 خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىنى سۈرەتلىك نامايان قىلىش، <پوسكام سوۋغىسى> مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى قىش پەسلىدە پوسكام ئالتۇن توغراق قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىش، سەيلە ـ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز» دېدى پوسكام ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ جۈەن.
قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق قار ـ مۇز كەسپىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك رايونلارنىڭ سالاپىتى ئىلگىرىكىدەكلا قالتىس بولدى. جۇڭگو قار يۇرتى ئالتاينىڭ قەدىمكى تېرە چاڭغىسى، IP مەدەنىيەت ئىجادىيىتى «شۆگۇەي ئالې» قاتارلىق قار ـ مۇز ساياھىتى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى يەنىلا نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى. ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ قار ـ مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچى تولۇق بولدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئادىمىيەت مەنزىرىسى، قىشلىق قار ـ مۇز ساياھەت مەنزىرىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، ئېسىل لىنىيە قاتارلىق ساياھەت بايلىقى نۇقتىلىق نامايان قىلىندى، بولۇپمۇ كۈسەن يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ئەزىز مېھمانلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «بىز قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاقسۇنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى، كەسىپ ھالىتى مەھسۇلاتلىرى ھەمدە <تىيانشان ئېتىكىدە باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش، قار ـ مۇز بىلەن تۆمۈر چوققىسىنى قانغۇچە ساياھەت قىلىش> بويىچە ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى سىياسىتى ۋە سەرخىل لىنىيە قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىمىز» دەپ تونۇشتۇردى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لو جۈەن.
بۇ يىل 12ـ ئايدىن كېلەر يىلى 4ـ ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 تۈردىن ئارتۇق قىشلىق قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىللىق قار بايرىمىنىڭ قالتىس تەركىبىي قىسمى. ھازىردىن باشلاپ، قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، قار ـ مۇز ساياھىتى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى، قار ـ مۇز مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممىلا يەردە قار ـ مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ.