□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شەنشەن
12ـئاينىڭ 7ـ كۈنى، «ئاقسۇ» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىغىنىغا بىر ھەپتە بولغان بولۇپ، جەمئىي 12 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. بۇ پويىزنىڭ سەپەر ۋاقتى ئىككى جايدىن ئۆتىدىغان پويىزغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش سائەتكە يېقىن قىسقارغان بولۇپ، سودا، ساياھەت بىلەن سەپەرگە چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇھىم تاللىشى بولۇپ قالدى.
بۇ، شىنجاڭنىڭ «تېز بېرىپ ئالدىرىماي ساياھەت قىلىش» قاتناش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرگەنلىكىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى.
شىنجاڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن يىراق، تۇپرىقى كەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىيانشان تېغى ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، سىرتتىن شىنجاڭغا كىرىدىغان نۇرغۇن تېز سۈرئەتلىك يولنى شەكىللەندۈردى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، «تېز بېرىپ ئالدىرىماي ساياھەت قىلىش» ساياھەت قاتناش تورى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، رايون ئىچىدىكى ماسلاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ قاتنىشىنى تېز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«تېز بېرىپ ئالدىرىماي ساياھەت قىلىش» قاتناش ئاساسى پۇختىلاندى
12ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسى ئىچىدە «غالىبىيەت» ناملىق قاتتىق تاغ جىنىسلىرىنى قېزىش ماشىنىسى 11 مىڭ 28 مېتىر ئوڭۇشلۇق قېزىپ كىرىپ، تونېلنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ تونېلنىڭ بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.1 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. تونېل تۇتاشتۇرۇلسا، تۈر ئوڭۇشلۇق پۈتىدۇ. شۇ چاغدا، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.
ھەربىر تاشيول تۈرىنىڭ تىرەك بولۇشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ تاشيول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 223 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرىدىن ئىبارەت شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ يادرولۇق بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) تاشيول ئومۇميۈزلۈك پۈتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان نۇرغۇن تاشيول تېز ياسىلىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، جەنۇب ـ شىمال راۋان بولۇشتەك تېز سۈرئەتلىك يول تورى ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى.
شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورتى مۇساپىسى 9092.1 كىلومېتىرغا يېتىپ، «بىر ئوق(لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئاساسىي يولى)، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ لىنىيە (ئوتتۇرا قىسىمدىكى لەنجوۋ ـ شىنجاڭ لىنىيەسى، شىمالىي قىسىمدىكى لىنخې ـ قومۇل لىنىيەسى، جەنۇبىي قىسىمدىكى گولمۇد ـ كورلا لىنىيەسى)، ئىككى ئايلانما(شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيەسى)، سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان ئىككى پورت(ئالاتاۋ، قورغاس پورتى)»تىن ئىبارەت يول تورى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «گۈللىنىش» ناملىق شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى ھەمدە «قەشقەر ناملىق» «ئاقسۇ ناملىق» قاتارلىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ سەپەر ۋاقتىنى سىجىل قىسقارتتى.
شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇم سانى 25كە كۆپەيدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملاردا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەمئىي 459 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى يولۇچى تىرانسپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 438. تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئىچىدە تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدىن باشقا، قالغان تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدا ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىردەك ئېچىلدى، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تورلىشىپ تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى تېز بەرپا قىلىندى.
شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىنى يادرو قىلغان، قەشقەر شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاناس تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، «ئورقۇ − نارات» قاتارلىق قىسقا مۇساپىلىك سەرخىل ساياھەت تىرانسپورت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنى ساياھەت مەنزىلگاھىغا تېز يېتىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
تاشيول ھەرىكەتچان مەنزىرە سۈرىتىگە ئايلاندى
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى قاتناش ـ تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش ـ تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «قاتناش + ساياھەت» يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
يېقىندا، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مىسالى مەملىكەت بويىچە قاتناش ـ تىرانسپورت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى 1 ـ تۈركۈمدىكى تىپىك مىسال بولۇپ تاللىنىپ، «قاتناش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەتنى جۇلالاندۇرۇش»تىن ئىبارەت غول لىنىيە تاشيولىدا قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدىكى شىنجاڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى دۆلەت يولى 217 ـ لىنىيەسىگە تەۋە بولۇپ، مايتاغدىن كۇچاغىچە يەتتە ناھىيە، شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، نارات ئوتلىقى، چوڭ ـ كىچىك ئەجدىھا كۆلى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، يول بويى جىلغا، مۇزلۇق، ئوتلاق، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ... يول بويىدىكى ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىلەر كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز، بۇ لىنىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىدىكى جەزمەن بارىدىغان مەنزىلگاھقا ئايلاندى.
6 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى «شىنجاڭ تاشيول مەنزىرە يولى نام كارتىسىنى جۇلالاندۇرۇش، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇردى ھەم جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت ئىككى بايرام مەزگىلىدە مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى كېچىكتۈرۈپ تاقاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا بىخەتەر، قولاي، بەھۇزۇر سەيلە قىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك قاتناش ـ تىرانسپورت سەپىرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى چۆرىدەپ، شۇ جايدا مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مۇزېيى، مايتاغ ـ كۇچا مېھمانسارىيى، يېمەك ـ ئىچمەك، مەززىلىك تائام كوچىسى، خەلقئارا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر لاگېرى قاتارلىق تۈرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ «نۆل كىلومېتىر»لىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنى يېتىلدۈردى، ئارقا ـ ئارقىدىن «شىخو ئۆتىڭى» ئۇنىۋېرسال ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى، تىيانشاننى ئايلىنىدىغان مەززىلىك تائام ئۆتىڭى، ساياھەت تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلىندى...
مەنزىرە قەيەردە بولسا، يول شۇ يەرگىچە ياسالدى. بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەت تارماق لىنىيە قاتنىشى ۋە ساياھەت تاشيولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى بىلەن نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى قاتنىشىنىڭ راۋانلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا كۆپلەپ تۇتاشتۇرۇلغان، «ئالدىرىماي ساياھەت قىلىدىغان» مەنزىرە يولى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويدى ھەم قاتناش بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان تۈردىن 36نى يولغا قويۇپ، «ئاپتوموبىللار يولدا قاتنايدىغان، ئادەملەر سۈرەتلەر ئىچىدە سەيلە قىلىدىغان» تاشيول ئېكولوگىيە ساياھىتى نام كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى.
مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ راۋانلاشتى
تاشيولمۇ گۈزەل مەنزىرە. شىنجاڭ ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى ئۈلگە قىلغان بىر قاتار گۈزەل تاشيول ئۈلگە كۆرسىتىش يوللىرىنى بەرپا قىلدى، S101 لىنىيەسى تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى، G681 لىنىيەسى ئالتاي ـ قۇمقاناس، S237 لىنىيەسى غۇلجا ـ موڭغۇلكۈرە قاتارلىق بىر تۈركۈم توردا ئالقىشلانغان، جەزمەن بارىدىغان يوللارنى بەرپا قىلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
«ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى» بويىچە سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى «سەپەرگە چىقالايدىغان بولۇش»تىن «ياخشى سەپەر قىلىش، خاتىرجەم سەپەر قىلىش، راھەت سەپەر قىلىش»قا ئۆزگەردى. شىنجاڭ قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «تاشيول چوڭ قەھۋەخانىسى» كۆچمە قەھۋە ئاپتوموبىلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل سەپەر قىلىش «سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە يوللىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال ـ خۇرام كېلىش، خۇشال ـ خۇرام ساياھەت قىلىش، رازى بولۇپ قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قاتناش ساياھەت مەنزىرىلىرىنى جانلاندۇردى، ساياھەت قاتناشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ھەم شارائىت ھازىرلىغان ئادەتتىكى تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە تورى بىلەن تولۇق قاپلاش، يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 ـ دەرىجىلىك) يول لىنىيەسىدىكى 112 جۈپ (ئورۇن) مۇلازىمەت رايونىنى سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 45 ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ساياھەت يىغىلىش ـ تارقىلىش مەركىزى ئىقتىدارى ھازىرلىنىدۇ، ۋوگزال، ئايرودۇرۇمدىن مەنزىرە رايونلىرىغىچە بولغان يولۇچى توشۇش بىۋاسىتە لىنىيەسىدىن 34ى تەرتىپلىك ئېچىلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىلەن «كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مۇلازىمەت ئارىلى» بەرپا قىلىشى تېزلىتىلىدۇ...
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى تىجارىتىگە قاتناشقىلى كۆپ يىل بولغان فاڭ يۈەن يىل بويى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى كوللېكتىپىنى يېتەكلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول لىنىيەسى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر. «قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەلىرىگە توكلىغۇچ ئورنىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، كۆرسىتىش بەلگە تاختىلىرىنى يېڭىلاش قاتارلىقلار ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارنى تېخىمۇ قولاي، خاتىرجەم سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئۇ.