مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش. 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ھەم «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مۇھىم يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۆرنەك ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش تەكىتلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى چاقنىتىش ئۈچۈن يول ۋە يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيە -مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ مۇھىم بايان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى نەزەرىيە قوللانمىسى ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، ساياھەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش داۋامىدا مەدەنىيەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، قەلب گۈزەللىكىنى تاۋلاش كېرەك. ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.
كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان بولۇش، ئادىمىيەت تارىخى مول بولۇش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قويۇق بولۇش شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلدى. بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، كىروران خارابىسى قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرىلەر جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «مەشرەپ»ى، قازاق مىللىتىنىڭ «ئايتىس»ى، قىرغىز مىللىتىنىڭ «قۇمۇز ئېيتىشىشى»، موڭغۇل مىللىتىنىڭ «نادام يىغىلىشى» جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ قىزىل گېنىغا ئويۇلغان. مۇشۇنداق پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە شىنجاڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتا، جەزمەن مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەتنىڭ روھنى تاۋلاش، مەدەنىيەتنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى، ساياھەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىشقا تۈرتكە بولدى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەربىر مەيدان مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ھەربىر مەدەنىيەت - ساياھەت سەرخىل لىنىيەلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىلىشى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتتى، شۇنداقلا «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىچكى يادروسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسى بار بولغان، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تاۋارلىرىنى كېڭەيتىش، ئېچىش كېرەك؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى مەنزىرىلەرنى پائال بەرپا قىلىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭدا ھەم تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، ھەم مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
تاغ - دەريالار مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھېسسىياتقا باي، مەدەنىيەت تاغ - دەريالار بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر مەناغا ئىگە. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇقەررەر نەتىجىسى. بىز شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى دۇنياغا تونۇتايلى.