旅游三大趋势新疆都有优势

本报喀什6月14日讯 石榴云/新疆日报记者阿比拜报道:新疆的旅游优势在哪里?6月13日,在喀什举行的文化和旅游部产业项目服务平台第33期精品项目交流对接活动暨新疆文化和旅游产业投融资促进活动圆桌对话上,专家们就此问题展开讨论。

“从携程、腾讯、同城等众多旅游消费平台数据分析可以看到,未来全国旅游消费呈现三大趋势:小众独特、自在休闲、深度体验,这些新疆都有优势。”新旅界文旅发展(北京)有限公司创始人、总裁李阳说,随着我国旅游业快速发展,游客年龄阶段越来越广,在旅游中占主体部分的年轻人越来越喜欢小众独特的景点。这个群体更愿意去追求一些有个性化的点,特别是能与自己审美形成共鸣的景区,“而这正好就是新疆的优势,景点选择多,很多地方都有独特的旅游点。”

根据旅游出行平台数据分析,随着人民生活幸福指数的提高,大部分游客开始追求自在休闲以及深度体验的旅游方式。边走边看,深入体验当地特色,已成为吸引游客留下来消费的重点。“就比如喀什古城,游客在这里不仅能看景,还能深度体验当地民俗风情,从而吸引游客留下来。”李阳说。

2023年自治区旅游发展大会暨“新疆是个好地方”旅游推介会期间,李阳发现新疆的自驾游营地、民宿等业态发展都有自己的特点,“新疆有许多推陈出新的旅游产品,而这些都符合近期全国的旅游趋势,相信新疆一定会成为游客寻找‘诗和远方’的重要目的地。”

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئۈچ چوڭ يۈزلىنىشنىڭ ھەممىسىدە ئەۋزەللىككە ئىگە

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئەۋزەللىكى نەدە؟ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ 33-قارارلىق سەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

«شيېچېڭ، تېڭشۈن، تۇڭچېڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەت ئىستېمال سۇپىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ساياھەت ئىستېمالىدا كىچىك دائىرىلىك ئۆزگىچە ساياھەت قىلىش، ئەركىن ئىستىراھەت قىلىش، چوڭقۇر ھېس قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۈزلىنىش نامايان بولىدۇ، شىنجاڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.» شىنلۈجيې مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش لىدىر لى ياڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياش باسقۇچى بارغانسېرى كېڭەيدى، ساياھەتتە ئاساسىي گەۋدە قىسمىنى ئىگىلىگەن ياشلار كىچىك دائىرىلىك ئۆزگىچە مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بارغانسېرى ياقتۇرىدىغان بولدى. بۇ توپتىكىلەر خاسلاشقان نۇقتىلارغا، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئېستېتىك قارىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىشنى تېخىمۇ خالايدۇ، «بۇ دەل شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تاللاش كۆپ، نۇرغۇن جايلاردا ئۆزگىچە ساياھەت نۇقتىلىرى بار».

ساياھەت سەپىرى سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، خەلق تۇرمۇشى بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم ساياھەتچىلەر ئەركىن ئىستىراھەت ھەمدە چوڭقۇر ھېس قىلىشتىن ئىبارەت ساياھەت شەكلىنى قوغلىشىشقا باشلىغان. ماڭغاچ كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ خاسلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە قېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان. «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ، بۇ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە قېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ» دېدى لى ياڭ.

2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى مەزگىلىدە، لى ياڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى، ئائىلىۋى قونالغۇ قاتارلىق كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بارلىقىنى بايقىدى، «شىنجاڭدا كونىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىسىنى يارىتىدىغان نۇرغۇنلىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ساياھەت يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ چوقۇم ساياھەتچىلەر ئارزۇدىكىدەك جايلارنى ئىزدەيدىغان مۇھىم مەنزىلگاھقا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

发布时间 :
2023/06/20
责任编辑 :
栏目归属 :
要闻
يوللانغان ۋاقتى:
2023/06/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
مۇھىم خەۋەرلەر
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر