ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جىن زوكۇن خەۋەر قىلىدۇ) «كۈرە قەدىمىي شەھىرى · خۇش پۇراق قورغاس»، ئىلى خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 12ـ نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ چىراق نۇرى كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى.
6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئىلى · خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 12-نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇن قويۇش نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى
باشلىنىش مۇراسىمىدا، 500 تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ رەتكە تىزىلىپ نومۇر ئورۇنلاپ، 15 خىل شەكىلنى نامايان قىلىپ، گاھىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان يۇلتۇزلارغا، گاھىدا كېچە بوشلۇقىدىكى بالېتقا ئوخشاش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە «جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى»نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن 560 مىڭ مو ئۈستىقۇددۇسنىڭ «كۈچلۈك ھىدى» ھەر يەرلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇسنى يېزا - كەنتلەر ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن توققۇزنى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، تۆتى 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئۈستىقۇددۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنزىرە رايونىدىنلا تۆتى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى ئەڭ كۆپ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.
6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئىلى . خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 11-نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى نومۇر ئورۇنلاش نەق مەيدانىدىكى سېرك ئويۇنى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى
بۇ نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، قورغاس ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى تۈرلۈك باش تېمىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. 7-نۆۋەتلىك جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس كاتتا بايرام پائالىيىتى، تۇنجى نۆۋەتلىك خۇاڭخۇاڭ كەنتى ئۈستىقۇددۇس قارلىق تاغ مۇزىكا بايرىمى ھەمدە ئۈستىقۇددۇس ئۈزۈش، ئۈستىقۇددۇسنىڭ خۇش ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پائالىيەتلەر قالتىس قىزىقارلىق بولۇپ، بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىدىن ئۈچى، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىدىن ئىككىسى كۈرە قەدىمىي شەھىرى، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى، تۈكە قۇملۇقى، نۇڭساڭيۇەن، جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس باغچىسى، جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق تەبىئىي، ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمىغا مەخسۇس قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بېيجىڭلىق ساياھەتچى ۋۇ مىن باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇسنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى، بۇ قېتىم مەخسۇس قورغاس ناھىيەسىدە ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت ئورۇنلاشتۇردۇق. كۈرە قەدىمىي شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىدا بەھۇزۇر سەيلە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نازۇ - نېمەتلىرىگە ئېغىز تەگدۇق، بۇ قېتىمقى خۇش پۇراقلىق سەپىرىمىز ئەھمىيەتلىك بولدى.»