ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ تەرىپلەنگەن مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى نارات شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە قار تازىلاش، شېغىل تازىلاش ۋە يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستىغا قاراشلىق G217-لىنىيەدە قار تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىپ، يوللاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بولۇندى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن تاشيول تارماقلىرى تەۋەلىك رايونى يولىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەپ، يوللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا يول بويىدىكى تاغ ئەھۋالىغا قاراپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى بېكىتىدۇ. شۇ چاغدا مايتاغ-كۇچا تاشيولى «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ساياھەت قىلىش، ئون چاقىرىم ئارىلىقتا ئوخشاش بولمىغان ھاۋ كىلىماتى بولۇش»تەك گۈزەل مەنزىرە بىلەن جاي-جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.