ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يازلىق تەتىلدە ھەرقايسى جايلارغا سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋېلىش، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى — لوياڭ — فۇجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىغا تۇتىشىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايروپىلان قاتنايدىغان شەھەرلەر ئارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاۋا تىرانسپورت يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ قېتىم ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى قېتىم لوياڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، ئۈرۈمچى — لوياڭ — فۇجوۋغا ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2523/4.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھاۋا قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئۈرۈمچى — لوياڭ — فۇجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېڭىدىن تولۇقلىنىشى شىنجاڭنىڭ خېنەن، فۇجيەن رايونلىرى بىلەن ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت بايلىقىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشىگە يەنىمۇ كۈچ قوشۇپ، يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى — لوياڭ — فۇجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت