ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جايلاردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى—قاناس ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر—غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» مەھسۇلاتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ، يولۇچىلار كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئومۇمىي قېتىم سانىغا چەك قويماي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەرزان باھالىق بۆلمىسىنىڭ بېلىتىنى ئالماشتۇرۇۋالسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئىچىدىكى پورتتىن كىرىپ-چىقىدىغان چېگرا ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا يەنە %5 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
A330-200 يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئازادە ئورۇن بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە مول كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى بار، 17 سودا ئىشلىرى بۆلمىسى، 23 دەرىجىدىن تاشقىرى ئەرزان باھالىق بۆلمە، 217 ئەرزان باھالىق بۆلمىدىن ئىبارەت كىلاسسىك قوش يوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇش سەپلەنگەن بولۇپ، 257 يولۇچىنى سىغدۇرالايدۇ. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت
ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان قەشقەر — غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەت ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، ھەر بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان 186 ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە UQ2607 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9دا قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11دە غۇلجا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىش مۇساپىسىدە UQ2608 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى—تيەنجىن، ئۈرۈمچى—قەشقەر قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئايروپىلان تىپىنى ئۆستۈرۈپ، A320دىن A330 كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئۆزگەرتىپ قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى ئىجرا قىلىدۇ، قوش يول ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ ئايروپىلانغا 257 يولۇچى سىغىدۇ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق ئاۋىياتسىيە سەپەرگە چىقىش تاللىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئاۋىياتسىيە سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.