ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بۇ يىللىق دائىملىق ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىگە قەدەم قويىدىكەن، ھەر ھەپتىدە بىر ئات بەيگىسى كۈنى، ھەر بىر ئات بەيگىسى كۈنىدە تۆت-بەش مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
5-ئاينىڭ 12-كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىدىكى چەۋەندازلار مەشىق قىلماقتا.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى
5-ئاينىڭ 12-كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىدا، چەۋەنداز جارقىن كىنداقىن ئات چاپتۇرۇپ ئۇچقاندەك چاپتى، ئارقىدىن ئېڭىشىپ قولىنى ئۇزىتىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى تېزلىكتە ئېلىپ، يەنە بېلىنى رۇسلاپ گۈل سېۋىتىنى ئېگىز كۆتۈردى، ئات چاپتۇرۇپ نەرسە ئېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. جارقىن 10 يىللىق ئات مىنىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى چەۋەندازلار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تاماشا قىلىشى، ھېس قىلىشى ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق چەۋەندازلىق مەشىقى قىلدى.
«ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل بىز يەنە شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى چەۋەندازلىق كۇلۇبلىرىدىن چەۋەندازلارنى كىرگۈزۈپ، سىستېمىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارىمىز، ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە 100دىن ئارتۇق چەۋەنداز تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ». موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ باش تېرېنېرى بايىنبېلىك مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ مەيدانى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى، مەسىلەن: مۇسابىقە يولىنى رېمونت قىلىش، يېڭى ئات چۈشۈرگىسى ئورنىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادەم ۋە ئاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ھۇزۇرلىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ.
بۇ يىل، ساياھەتچىلەر داڭلىق ئات كۆرگەزمىسى، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەمدە ئىلى ئېتى سۈرئەت مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلانغاندىن سىرت، يەنە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن شېتېلەن پاكار ئېتىنىڭ 200 مېتىرلىق مۇسابىقە تۈرىنى كۆرەلەيدۇ ھەم ھېس قىلىش رايونىدا ئۇلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولالايدۇ.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئات بېقىش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مول بولغان ئاتچىلىق كەسىپ بايلىقىغا تايىنىپ، ئاتچىلىق كەسپى بىلەن 1-،2-،3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر يىلى يۈرۈشلۈك چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چەۋەندازلار ۋە تۈمەنلىگەن ئات ئات بەيگىسىگە قاتناشتى، ئات يادرو قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى «ئاتچىلىق كەسپى +» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنى زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ھازىر، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئات بەيگىسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيەسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىنى ھەقىقىي تۈردە مەملىكەت بويىچە داڭ چىقارغان نام كارتىسىغا ئايلاندۇردى.