قەدىرلىك ساياھەتچى دوستلار، يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىرىدۇ، سىزنىڭ كۆڭۈللۈك، ئازادە ساياھەت قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى مۇنۇلارنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ:
كىرىش بېلىتى ھەقسىز، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىلىدۇ
تۆۋەندىكى كىشىلەر ئالاقىدار كىنىشكىلىرى بىلەن كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە يېرىم باھالىق ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ:
(1) 6 ياشتىن تۆۋەن (6 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلار.
(2) 65 ياشتىن ئاشقان (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلار. [60 ياشتىن (60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 65 ياشقىچە (65 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولغان ياشانغانلاردىن خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار بايرىمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار بايرىمى مەزگىلىدە كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ].
(3) 2-ئەۋلاد مېيىپلىق كىنىشكىسى بارلار «مېيىپلەرنىڭ مېيىپلىق تۈرى ۋە دەرىجىسى» (2010-26341 GB╱T ) بويىچە ئالتە تۈردىكى (كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئەقىل، پۇت-قول، روھى) مېيىپلەر يەنى 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغانلار.
(4) كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى بار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى بار ئوت مۇداپىئە-قۇتقۇزۇش خادىملىرى (خىزمەتتىكى، پېنسىيەگە چىققان، مېيىپ ۋە ئوت مۇداپىئە-قۇتقۇزۇش مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساقچى كىنىشكىسى بار خىزمەتتىكى خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلار.
كىرىش بېلىتى يېرىم باھا، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە تولۇق ئېتىبار بېرىلىدۇ
تۆۋەندىكى كىشىلەر ئالاقىدار كىنىشكىلەرگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىدە تولۇق ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ:
(1) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلار (قىسىم تارقاتقان ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى ئاساس قىلسا بولىدۇ).
(2) ئالتە تۈر بويىچە 4-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ باھالانغان مېيىپلەر.
(3) بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن يۇقىرى بالىلار ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر.
(4) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى داشۆنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار.
بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىغا ئىككىنچى قېتىم كىرگۈچىلەرگە ئېتىبار بېرىلىدۇ
ئىككىنچى قېتىم مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى ئېلىپ ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرسا، كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھالىق (ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتى نورمال باھادا سېتىلىدۇ) ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
مەنزىرە رايونىنىڭ باشقا بەلگىلىمىلىرى
(1) شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن يول خېتى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار كىنىشكىسى بىلەن مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە سەيلە قىلسا بولىدۇ.
(2) مەنزىرە رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋانلارنى مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ كىرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، «يولۇچىلار تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى»نىڭ 52-ماددىسى 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھايۋانات ۋە ئاممىۋى تازىلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان (غەيرىي پۇراقلىق) بۇيۇملار توشۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغان يۈك-تاق ھېسابلىنىدۇ، ئەرمەك ھايۋانلارنى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېلىپ چىقىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
(3) بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت دەرىجىلىك ئاققۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، ئاققۇ قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان قۇشلارنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
مەنزىرە رايونىنىڭ 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تېلېفونى
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 5350195-0996
قۇتقۇزۇش تېلېفونى: 5350199-0996
ئەرز قىلىش تېلېفونى: 5350198-0996