ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، كۇچا شەھىرى يول قاتنىشى، مەنزىرە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر، قولاي، راھەت سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تەلەمەت داۋىنى تونېلىدا خىزمەتچى خادىملار تونېل ئىچىگە كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتتى ۋە تەڭشىدى. تەلەمەت يول ئاسراش پونكىتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يولدىكى بارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش تۈرى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ، يول يۈزى، كۆۋرۈك تونېلى خەۋپ-خەتىرى ھەمدە تاغ گەۋدىسىدىن تاش چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئو ئاپەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىپ تىزگىنلىنىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۇچا شەھىرى خەۋەرلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغاچقا، قاتار كەتكەن خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتلىرى تاشيول بويىدىكى تىك يارلاردا قەد كۆتۈردى، سىمسىز تور يەتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا يىراقتىكى دوستلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مەنزىرىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ بىخەتەرلىكى، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئازادىلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. تاشيول بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، مۇھىت قوغداش ئاممىۋى ھاجەتخانىسى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇقلاندى، مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، ساياھەتچىلەر يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ئىستىراھەت، مەنزىرە رايونى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى تىرىشىپ بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كەڭ ساياھەتچىلەر تېخىمۇ قولايلىق، ئازادە بولغان ساياھەت يېڭى ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەندى.
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى)