ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جيا چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، «قالتىس شىنجاڭنى مەن سۆزلەي—2023-يىللىق شىنجاڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسى»دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار تۇرپان شەھىرىدىكى يارغول قەدىمىي شەھىرىگە جەم بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كاتتا مەرىكىسىگە قاتناشتى. نەق مەيداندا «ئەڭ ياخشى ئالقىشلىنىش مۇكاپاتى» «ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش مۇكاپاتى» «ئەڭ ياخشى ئوبراز مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ساياھەت يېتەكچىسى، ئالتۇن دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىسى، كۈمۈش دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىسى، مىس دەرىجىلىك ساياھەت يېتەكچىلىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى ھەمدە «تور تەشۋىقات ئەلچىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
ماھىرلار «قالتىس شىنجاڭنى مەن سۆزلەي—2023 شىنجاڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسى»گە قاتناشماقتا. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەمىنلىگەن
مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭلىق ناخشىچى گاگا، تۇرغۇنجان «گۈزەل شىنجاڭ ياخشى جاي» «ماي ئېيىدىكى جىگدە گۈلى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۇل مەتتوختى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىپ ھاكىمخان، توققۇزتارا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىنكار باقىتكەلدى، تور دارىنى لى چياۋ ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇردى ۋە تەشۋىق قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ساياھەت يېتەكچىلىرى(چۈشەندۈرگۈچىلىرى) مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت بىر تۈركۈم كەسپىي مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقاتچىلىرى، تارقاتقۇچىلىرى، چۈشەندۈرگۈچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تەسىرلىك ئاۋاز، چوڭقۇر بايانلار ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا تارىخى مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.