ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى خەۋىرى) بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى 10 جايغا كىچىك شادلىق باغچىسى ۋە ئەپچىل باغچە قۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرىدىغان ۋە داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان كىچىك شادلىق باغچىسى قۇرۇلۇشىدىن ئالتىسى، ئەپچىل باغچە قۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇشىدىن تۆتى بولۇپ، جەمئىي يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان كۆكەرتىش كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ.
يېقىندا، مۇخبىرنىڭ مىدۇڭ رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئون تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلانغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ كۆكەرتىش تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تۈر قۇرۇلۇشىدا شەھەردىكى ئەسلىدە بار بولغان دەريا سۈيى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ خاس ئېكولوگىيە كارىدورى بەرپا قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش، سۇدىن ھۇزۇرلىنىشتەك كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى بىر شادلىق باغچىسىدا قۇرۇلۇش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى فوتوسى
مىدۇڭ رايونى جيالۇڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى كىچىك شادلىق باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولۇپ، نۆۋەتتە توپا بىلەن تىندۇرۇش، مەيداندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش ۋە سۇ سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملاندى، كېيىن سۆسۈن يوپۇرماقلىق چوۋلى گۈلى، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما قاتارلىق دەرەخ-چاتقاللارنى كۆچۈرۈش ھەمدە ئېريۆ جۇخۇاگۈلى قاتارلىق گۈل-گىياھلارنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.
«مەنزىرە بەلبىغىنى كۆكەرتىش، مەنزىرە كارىدورى بەرپا قىلىشتىن باشقا، بىز يەنە مەيداننى قاتتىقلاشتۇرۇپ چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، پىيادە مېڭىش يولى ياساپ، ئاھالىلەرنى بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى مىدۇڭ رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى فېڭ جيەنباۋ.
ئاھالە ليۇ ئەيپىڭنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى كىچىك شادلىق باغچىسى بۇلتۇر يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن كۆپچىلىك كىچىك مەيداندا ئۇسسۇل ئويناپ، سەيلە قىلىپ، ئارام ئېلىپ، ناھايىتى قىزىپ كېتەتتى. ليۇ ئەيپىڭ مۇنداق دېدى: «كىچىك شادلىق باغچىسىدا گۈل-گىياھ، ئۆت-چۆپلەر بار، ناھايىتى چىرايلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەيدان، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىمۇ بار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىنى تاپالايدۇ.»
يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، مىدۇڭ رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 كىچىك شادلىق باغچىسى ۋە ئەپچىل باغچە قۇرۇپ، شەھەردىكى ھەربىر نۇقتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شەھەرگە زىننەت قوشىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىنى ئېچىپلا يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان، ئىشىكنى ئېچىپلا باغچىنى كۆرەلەيدىغان گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل، ئازادە، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر مۇھىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەرپا قىلدى.