ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتى بىلەن بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، خېنەن، جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى 10 جەمئىيەت بىرلىكتە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئاساسى سالدى.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش جەمئىيىتى بىلەن سەككىز قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش جەمئىيەتلىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى.ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى
كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىش، ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، مۇھىم، زور ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ساياھەت كەسپىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قارشى تەرەپنى زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.
گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شيۇڭ جىنخۇڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ گۇاڭدۇڭلىقلارنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىلى، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، ئۆز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچىنى ئېلىپ شىنجاڭ، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلدۇرىمىز.»
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شەن ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرىمىز، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرنى باشقا ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە ساياھەتكە تونۇشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.»