4-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۇچقۇچى كىچىك تىپتىكى مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۇچۇش يولىدىن ئۇچتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۇچقۇچى كىچىك تىپتىكى مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۇچۇش يولىدىن ئۇچتى.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۇچقۇچى ساياھەتچىلەرگە ئۇچۇش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
شۇ كۈنى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا تۇنجى ساياھەت كىچىك ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى، بۇ ئايروپىلان ساياھەتچىلەرنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئايلىنىپ، مەنزىرە رايونى ۋە ئەتراپتىكى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مەنزىرىلەرنى بوشلۇقتىن كۆرۈشىگە ئىشلىتىلىدۇ.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۇچقۇچى ساياھەتچىلەرگە ئۇچۇش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى «ساياھەت ئارقىلىق ئوبلاستنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بەردى. بۇ ناھىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار قاتناش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە ئادىمىيەت، تارىخ، مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولۇق ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.