يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى باقۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى باقۇتبۇلاق كەنتى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۆز يۇرتىنى «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي كەنت-بازار» «دۆلەت بويىچە پاكىزلىقتا ئۈلگىلىك كەنت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئەتراپتىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، يېزا ساياھەتچىلىكى + كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «بەينياۋ چاۋفىڭيۈەن باغچىسى»نى رېمونت قىلماقتا.
باقۇتبۇلاق كەنتى تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى باقۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى جىجۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، قاناس مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يول بولۇپ، ئەۋزەل بولغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. كەنتتە «بەينياۋ چاۋفىڭيۈەن باغچىسى» «شياۋچاڭچۇەن باغچىسى» «كارتىڭ ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسى يولى» «يۈەنيې گۈل دېڭىزى» قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرى قۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.
تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى باقۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى «بەينياۋ چاۋفىڭيۈەن باغچىسى».
«بەينياۋ چاۋفىڭيۈەن باغچىسى» باقۇتبۇلاق كەنتىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى خاسلىققا ئىگە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قىش پەسلىدە قېلىن قار ئاستىغا بېسىلىپ، پۈتكۈل باغچىنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ بۇزۇلغان، باغچىدا ماكانلاشقان ھەر خىل قۇش تۈرلىرى، تىيىن قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان. تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ باقۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى باقۇتبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشقا خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىللە باغچە ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، «بەينياۋچاۋفىڭيۈەن باغچىسى»نىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتى ئەسلىگە كەلدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر: ماكسجاپ)