ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) «مايتاغ-كۇچا تاشيولى»دا قاچان قاتناش باشلىنىدۇ؟ ھەر يىلى باھاردا، «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ نام ئالغان بۇ توردا ئالقىشلانغان تاشيول شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ بېشى ياكى ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى، شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى قاراماي شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇيخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى تېخىمۇ مول بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئامىللىرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئامىللىرى بار، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مۆلچەرلىنىشچە 6-ئاينىڭ بېشى ياكى ئوتتۇرىلىرىدا قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، پائالىيەتتە «مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى قوغداش تۆۋەن كاربون-مۇھىت قوغداشنى ئالدىن يولغا قويۇش» باش تېما قىلىنىدىكەن. شۇ چاغدا ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى ھەم مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇھىت قوغداش ئىجادىيەت ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىش، «مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى تەملەر» ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى باھالاش پائالىيىتى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مەدەنىيەت ئاپتوموبىل چاپلىقى، «مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا مېڭىش ئازادە قونۇش» مېھمانساراي(يېمەك-ئىچمەك)، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىقلارنى توپلاش، باھالاش، تاللاش ۋە كېڭەيتىش، «مايتاغ-كۇچا تاشيولى پاكىز دالا ساياھىتى» مۇھىت قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك يۈرۈشلۈك يانداش پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى ئوخشاش ۋاقىتتا قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «ئۇچار تاكسى ئارقىلىق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» تۆۋەن بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىنىدۇ، بۇ، ھاۋا بوشلۇقىدا مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ساياھەت قىلىش، ھاۋا بوشلۇقىدا ناراتنى ساياھەت قىلىش، ھاۋا بوشلۇقىدا دۇنيا موگۇيچېڭىنى ساياھەت قىلىش، ئالاھىدە جابدۇقلار ئارقىلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇرمۇش ئۆگىنىشنى ھېس قىلىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.