نارات يايلىقى مەنزىرىسى (2022-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورى «مەملىكەتلىك ساياھەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇنلارنى باھالاش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان 66 ئورۇننىڭ چوڭ تىزىملىكىدە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بەش ئورۇن تاللاندى. ئېلان قىلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە.
بۇ بەش ئورۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نارات مەنزىرە رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى.
ياز كۈنلىرىدىكى قاناس كۆلى. شى شياۋكۇن فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاناس مەنزىرە رايونى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىم تۇتۇپ، دائىملىق تۇتۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 2021-يىلى، مەنزىرە رايونى ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىنى ياخشىلاش، قاتناشنى ياخشىلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 246 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇمشاق مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قاتتىق ئەمەلىي كۈچنى كۈچەيتىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نارات مەنزىرە رايونى مەنزىرە رايونىدا مەدەنىي ساياھەت قىلىش كەيپىياتى بەرپا قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، تارماقلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆزنەكنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ مەدەنىي، ئۆلچەملىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ گۈزەل خىزمەتچى»نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە رايونىدىكى «ئەڭ گۈزەل چۈشەندۈرگۈچى» «ئەڭ گۈزەل بېلەت ساتقۇچى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە رايونى كىشىلىرى»نى تاللاپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
ساياھەتچىلەر 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇنلارنى ئېلان قىلغان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نارات مەنزىرە رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، قاراماي دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇن» قىلىپ بېكىتكەن.
مەنبە ئۇنىۋېرسال: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتى، قاناس مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى،«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى